تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

كۈز پەسلى رەسمىي كىردى! شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يامغۇر ياغىدۇ

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز يۈ مېڭفەن، جاڭ ۋەندې) كۈز كىرگەندىن كېيىنكى تۇنجى جۈمە كۈنىدە، دېرىزىنى شۇنداقلا ئاچسىڭىز، سالقىن شامال سىزنى سەگەكلەشتۈرىدۇ. ياز پەسلىگە قانچىلىك تارتىشىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، كۈز پەسلى رەسمىي كىردى!

كۈز يامغۇرى سىزگە «بىردىنلا سوۋۇپ كېتىش» نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. بۈگۈن (9- ئاينىڭ 6- كۈنى) ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا سىم - سىم يامغۇر ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن.

ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدىكەن، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃25، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃15، 3 ــ 4 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن. سەھەردە تېمپېراتۇرا بىر ئاز تۆۋەن بولۇپ، سىرتقا چىققاندا يېپىنچا ئارتىۋېلىشنى ئۇنتۇماڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى