تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

كۇچا ناھىيەسى: مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، كۇچا ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ كۇچا ناھىيەسى قۇمئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتكەن ئورۇن بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، 20 مىڭ يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. خىزمەت ئەترىتى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا چامادان، تېرموس ئىستاكان قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تەقدىم قىلدى ھەم ئىچكىرىدە ئوقۇيدىغان بەش نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ھەر بىرىگە 3000 يۈەندىن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى ياخشى ئوقۇپ جەمئىيەتكە جاۋاپ قايتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  «مەن كېلەر يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىمەن، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ماڭا ئوقۇش ياردەم پۇلى بەرگىنىگە رەھمەت، مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن مەن چوقۇم ياخشى ئوقۇيمەن، خىزمەت ئەترىتىدىكى تاغا-ھەدىلىرىمنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتۇم ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشىمەن» دېدى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى راھىلە ئەخمەت ھاياجانلانغان ھالدا.

  «ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ تىرىشىپ ئوقۇپ، ياراملىق، ئىرادىلىك ئادەم بولۇپ، ئاتا-ئانىسىغا، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى ئۆمەر نىياز.

  (ماقالىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن يۈ جۈن، خوۋ بو تەمىنلىگەن)

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى