تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «بىنخې» يولى لىنىيەسىدە 9- ئاينىڭ 6- كۈنى كەچتە گاز توختايدۇ

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز دۇۋەن شياۋلى) 9- ئاينىڭ 5- كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، شەھەر يېقىلغۇ گاز ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «بىنخې» يولى لىنىيەسىدە گاز توختىتىپ تەكشۈرۈش ۋە رېمونت قىلىش خىزمىتى ئىشلىنىدىكەن، مۇناسىۋەتلىك ئاھالىلەرنىڭ ئالدىن تەييارلىق قىلىشىنى سورايمىز.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق گاز توختاش ۋاقتى 9- ئاينىڭ 6- كۈنى سائەت 22 دىن 9- ئاينىڭ 7- كۈنى سائەت سەككىزگىچە ئىكەن.

شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار خادىمى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: گاز توختىغان مەزگىلدە، شەھەر ئاھالىلىرى ئۆي ئىچىدىكى بارلىق يېقىلغۇ گاز كلاپانلىرىنىڭ ئېتىك ھالەتتە تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تەبىئىي گاز قېچىش ھادىسىسى يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، يېقىلغۇ گاز كلاپانىنى ئېچىشى كېرەك.

ناۋادا يېقىلغۇ گاز قېچىش ئەھۋالى بايقالسا، دەرھال ئىشىك، دېرىزىلەرنى ئېچىپ، يېقىلغۇ گاز كلاپانىنى ئېتىۋېتىش، ھەرقانداق ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ئاچماسلىق، سىرتتىكى بىخەتەر رايونغا چىقىپ، شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى «96517» گە تېلېفون بېرىپ، خەتەر ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش