تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

خىزمەت ئەترىتى ئاھالىلەرگە ئۆگىنىش، كۆڭۈل ئېچىش ياخشى جايى ھازىرلاپ بەردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر چىن پېڭ فوتوسى، خەۋىرى): كىتاب ئوقۇش، گېزىت كۆرۈش، ئۇسسۇل ئويناش، بەدەن چېنىقتۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىر ئاممىۋى پائالىيەت مەركىزىگىلا «جەم» بولدى... 9-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى لۇيۈەن كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تىيانشان قۇرۇلۇش ماتېرىيالى مەھەللىسى ئاممىۋى پائالىيەت مەركىزى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە مەنسۇپ «ئۆگىنىش، كۆڭۈل ئېچىش ئائىلىسى» بار بولدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ پائالىيەت مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرى سېمونت زاۋۇتى كوچىسى 223-نومۇردىكى يۈەنياڭ گۈللۈكى ئولتۇراق رايونى ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە بۇ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى مەبلەغ چىقىرىپ بەرپا قىلغان. پائالىيەت مەركىزىدە پارتىيە قۇرۇلۇشى پائالىيەت ئۆيى، پىدائىيلار پىراكتىكا بازىسى، ئەخلاق دەرسخانىسى، تەنتەربىيە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيى، ئۇسسۇل مەشىق قىلىش ئۆيى قاتارلىق 10 ئېغىز ھەر خىل فۇنكىسىيەلىك ئۆي بولۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 600 كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن.

  ئاھالىلەر مەھەللە ئاممىۋى پائالىيەت مەركىزىدە دامكا ئوينىماقتا.

  ئاھالىلەر ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگەنمەكتە.

  مەھەللە ئاھالىلىرى مەھەللە ئاممىۋى پائالىيەت مەركىزىدىكى كۇتۇپخانىدا ئۆزلىرى ئوقۇماقچى بولغان كىتابلارنى تاللىماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش