تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوندىكى قالپىقى چۆرۈپ تاشلىنىدىغان 13 نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش كېرەك

شۆھرەت زاكىر قاتناشتى لى پېڭشىن رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۈي خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون قالپىقى چۆرۈپ تاشلىنىدىغان 13 نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، قالپىقى چۆرۈپ تاشلىنىدىغان نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا قالپىقى چۆرۈپ تاشلىنىدىغان 13 نامرات ناھىيەنىڭ «قايتا قاراپ چىقىش» ئەھۋالى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، نەق مەيداندا 39 نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرى سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى. چېن چۈەنگو سۆزىدە 13 ناھىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە - ئۈنۈمىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش داۋامىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلە ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، ئۆستۈرۈپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى نۆۋەتتىكى ئەڭ تەخىرسىز، ئەڭ رېئال مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، بىر قولدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تۇتۇپ، بىر قولدا قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تەنتەنىلىك ۋەدىنى قەرەلىدە ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، نىشان ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىنى زىچ چۆرىدەپ، 2020- يىلى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كۆك نامراتلىقنى تۈگىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قالپاقنى چۆرۈپ تاشلاپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي گەۋدە بويىچە نامراتلىقنى ھەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىقنى قوغداپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن تىنچ جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىشنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن پۇختا ئەلرايى ئاساسى سېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تۆتىنچىدىن، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. «قايتا قاراپ چىقىش»نى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، مەسىلە تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىش؛ مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى جايىدا تۈزىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بەشىنچىدىن، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. «ئالتە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «توققۇزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما، ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئالتىنچىدىن، مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ، مەسئۇلىيەتنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ، سىياسەتنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ، ياردەم بېرىش - يۆلەشنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى تاشلىماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش كۈچىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكى، ياردەم بېرىش - يۆلەش مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىنى ساقلاپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنى نازارەت قىلىش - ئۆلچەش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش - تىزگىنلەش ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك. يەتتىنچىدىن، ئىرادە جەھەتتە يۆلەش، ئەقىل جەھەتتە يۆلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. تەربىيەلەش - يېتەكلەش، تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش، تىپلار ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئۇرغۇتۇشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، «مېنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ»نى «مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن»گە ئۆزگەرتىش كېرەك. سەككىزىنچىدىن، ئىستىلنى ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى زور كۈچ بىلەن تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش كېرەك. توققۇزىنچىدىن، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى مەخسۇس باشقۇرىدىغان مەسئۇل يولداشلار مەخسۇس ۋەزىپە بويىچە مەخسۇس تۇتۇشى كېرەك؛ ۋىلايەتلىك، ناھىيەلىك پارتكوملار ۋە ھۆكۈمەتلەر سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرتۇتاش ئىگىلىشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك، ھەرقايسى تارماقلار ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرىدىن تيەن ۋېن، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن، مەڭلىك سېيىت، قادىربېك قامزا، ۋەن خەيچۇەن، مۇتەللىپ مەتتوختى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.