تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

نىڭبو شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى

چېن چۈەنگو، جېڭ شەنجيې، شۆھرەت زاكىر، لى پېڭشىن پائالىيەتكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۈي، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 4- كۈنىگىچە، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نىڭبو شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جېڭ شەنجيې نىڭبو شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

9- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون نىڭبو شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن ئۈرۈمچىدە خىزمەت سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن نىڭبو شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، جېجياڭ ئۆلكىسى ۋە نىڭبو شەھىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بەرگەنلىكى ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىغىنى بىلدۈردى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، نىڭبو شەھىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جېجياڭ ۋە نىڭبو خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. بىز چىن كۆڭلىمىزدىن تەبرىكلەيمىز.

چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋە نىڭبو شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەت خىزمىتىگە كىرگۈزۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە، چىن مېھىر - مۇھەببىتىنى بېغىشلاشتا چىڭ تۇرۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ھەر تەرەپلىمە قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، ھەر مىللەت خەلق قەلبىدىن مىننەتدار. شىنجاڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىڭبونىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆرنەك قىلىپ، ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەۋزەللىكلەردە بىر - بىرىنى تولۇقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ.

جېڭ شەنجيې شىنجاڭنىڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشىدا، شىنجاڭ ئىقتىسادى تېز راۋاجلاندى، جەمئىيەت ئۈزلۈكسىز ئالغا باستى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئىناق بولدى، خەلق خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلىمەكتە، بۇ ئىنتايىن خۇشاللىنارلىق جانلىق ۋەزىيەت.

جېڭ شەنجيې مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىرى، نىڭبونىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان سىياسىي مەسئۇلىيىتى. نىڭبونىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى 1997- يىلىدىن باشلانغان، بولۇپمۇ 2010- يىلى كۇچاغا نىشانلىق ياردەم بەرگەندىن كېيىن، ئىككى جاينىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقى كۈنسايىن قويۇقلىشىپ، بىر قاتار مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش، كەسىپ ھەمكارلىقى، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، كادىرلار - ئىختىساسلىقلار ياردىمىنى كۈچەيتىپ، ھەربىر تۈردە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىمىز. بولۇپمۇ مەۋقەنى شىنجاڭ بىلەن نىڭبونىڭ ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، بىر تۈركۈم ئۆزئارا تولۇقلاش تىپىدىكى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ جېجياڭ، چاڭجياڭ دېلتىسى، ھەتتا چەت ئەل بازىرىنى ئېچىپ، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، نىڭبو شەھىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى كۇچا ناھىيەسى، بىڭتۇەن 1- شىسىنىڭ ئارال شەھىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى زىيارەت قىلدى، ھال سورىدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار - ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى.

ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن سارقىت ئاقان، ياۋ شىنمىن ۋە نىڭبو شەھىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلىرى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.