تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

كۈرەش قىلىش يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەپ، كۈرەش قىلىش ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلار كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىشتا، ئالدى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، نېمە قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، كۈندىن - كۈنگە مۇرەككەپلىشىۋاتقان كۈرەشتە ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشقا، نىشاندىن ئادىشىپ قېلىشقا بولمايدۇ.

2019- يىلى كۈز مەۋسۇمىلىق مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، بايراق - يولغا مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم، زور پىرىنسىپال مەسىلىلەرنى چوڭقۇر شەرھلەپ، نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە بىز دۇچ كېلىدىغان كۈرەش قىلىش ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، كەڭ كادىرلار، بولۇپمۇ ياش كادىرلارنىڭ يېڭى دەۋردە كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشىغا، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىشىگە ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، كاللىمىز ئالاھىدە سەگەك بولۇشى، مەيدانىمىز ئالاھىدە مۇستەھكەم بولۇشى كېرەك، تۈرلۈك مۇھىم، زور كۈرەش، سىناقلار ئالدىدا «لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتنىڭ كۆزنى توسۇۋېلىشىدىن قورقماسلىق» «بوران - چاپقۇن ئالدىدا تەمكىن تۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

يۆنىلىش ئىستىقبالنى بەلگىلەيدۇ. كوممۇنىستلارنىڭ كۈرەش يۆنىلىشى بار، مەيدانى بار، پىرىنسىپى بار، چوڭ يۆنىلىش شۇكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشتا تەۋرەنمەسلىك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى. سانسىزلىغان پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئاجىزلاشتۇرغاندا، ئىنكار قىلغاندا، دۆلەت ئاپەتكە پېتىپ قالىدۇ، خەلق ئازاب - ئوقۇبەت تارتىدۇ. پارتىيەمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئومۇمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نوپۇزغا ئىگە بولغان، پارتىيە ئىتتىپاق بولغان، بىرلىككە كەلگەن ۋاقىتتا، پارتىيە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭەلىگەن، ئەكسىچە بولغاندا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار، دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار، دۆلىتىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە مۇھىم، زور پىرىنسىپىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار، دۆلىتىمىز خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار، دۆلىتىمىزنىڭ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار كەلگەن ھامان، بىز جەزمەن قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز، يەنە كېلىپ جەزمەن كۈرەشتە غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.

ۋەزىيەت ۋەزىپىنى بەلگىلەيدۇ. بىز كوممۇنىستلارنىڭ كۈرىشى ئەزەلدىن زىددىيەت، مەسىلە، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا يۈزلەنگەن. ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئۈزلۈكسىز توپلانغان، ھەتتا مەركەزلىك كۆرۈلىدىغان مەزگىلگە كىرىدۇ، دۇچ كېلىدىغان مۇھىم، زور كۈرەش ئاز بولمايدۇ، ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى ھەم ئارمىيە قۇرۇلۇشى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن خىزمىتى، دىپلوماتىيە خىزمىتى، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە بولىدۇ، يەنە كېلىپ بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىدۇ. رەھبىرىي كادىرلاردا ئوت - چۆپنىڭ يەلپۈنۈپ يوپۇرماقنىڭ شىلدىرلىشىدىن بۇغىنىڭ ئۆتكەنلىكىنى بىلىش، قارىغايلىقتا شامالنىڭ چىقىشىدىن يولۋاسنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىش، بىر يوپۇرماقنىڭ سارغايغانلىقىدىن جاھاندا كۈز بولغانلىقىنى بىلىشتەك ئىشنىڭ بىخ ھالىتىدىنلا ئۇنىڭ ماھىيىتى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى بىلىش قابىلىيىتى بولۇشى، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرگە قارىتا ئىلمىي ئالدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ نەدىلىكىنى، ئىپادىلىنىش شەكلىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، تەرەققىيات يۈزلىنىشىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىپ، كۈرەش قىلىشقا تېگىشلىك بولسا كۈرەش قىلىشى كېرەك.

دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلىسا، نېمە ئىشلارنى قىلغىلى بولمايدۇ؟ دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلىسا، نېمە ئىشلارنى قىلىشقا جۈرئەت قىلغىلى بولمايدۇ؟ دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنىدا تۇرۇپ، كەڭ كادىرلار، بولۇپمۇ ياش كادىرلار «تۆت ئاڭ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قايسى ئىش ئورنىدا بولساق، شۇ ئىش ئورنىدىكى ئىشنى ياخشى قىلىپ، قانداق ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش زۆرۈر بولسا، شۇ ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، بىز پارتىيەمىز بېكىتكەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى ئۇلۇغ كۈرەشتە يېڭى شانلىق سەھىپە يېزىپ چىقالايمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى