تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

كۈنەس ناھىيەسىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان چوڭ تىپتىكى چارۋا بازىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر شامقار، جاڭ ۋېنتىڭ خەۋىرى): يېقىندا، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان چوڭ تىپتىكى چارۋا بازىرىدا رەسمىي تىجارەت باشلاندى، ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى كۈنەس ناھىيەسىدىكى باقمىچىلارنى تېخىمۇ چوڭ سودا سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپ، دېھقان-چارۋىچىلارنى ئۆز جايىدا كالا-قوي چارۋا سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىش پايدىلىق پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.

  يېڭىدىن قۇرۇلغان چوڭ تىپتىكى چارۋا بازىرى كۈنەس ناھىيەسى زېكتى بازىرى ئاشىلى كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىگىلىگەن كۆلىمى 60 مو كېلىدۇ. تىجارەت باشلىغان تۇنجى كۈنىدە، مۇخبىر بازاردا ئەسلىھەلەرنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنى، قوي، كالا، ئاتلارنى ئايرىپ باشقۇرىدىغان قاش ياسالغانلىقىنى ۋە ئاپتوموبىل توختىشىش ئورنى قۇرۇلغانلىقىنى، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدا بىر قېتىمدا 140 ئاپتوموبىل توختاتقىلى بولىدىغانلىقىنى، بازاردا ئات-كالىلار لىق بېسىلغان ئاپتوموبىللارنىڭ توختىماي قاتناپ تۇرغانلىقىنى، بازارنىڭ قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەنلىكىنى كۆردى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، شۇ كۈنى سودا سوممىسى 5 مىليون يۈەندىن ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى