تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

قانداق قىلغاندا راكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

راكنىڭ گېپى چىققاندا، كىشىلەر قورققاندىن باشقا، تېخىمۇ كۆپ ئەھۋالدا ئامالسىز قالىدۇ. چۈنكى، ھازىر نۇرغۇنلىغان كىشىلەر سالامەتلىك تەكشۈرتۈشىدە نورمال چىقسىمۇ، بىراق، راك يەنىلا ئاخىرقى باسقۇچتا بايقالماقتا. ھەتتا، قىسقىغىنە نەچچە ئاي ئىچىدىلا راكنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ئىكەنلىكى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانماقتا، بۇنى ھېچكىم كۆرۈشنى خالىمايدىغان نەتىجە، ئەلۋەتتە. 

ھالبۇكى، بۇنداق ئەھۋال پات-پات يۈز بېرىپ تۇرماقتا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان راك ياشلاردىمۇ بايقالماقتا.

ئۇنداق، قانداق قىلغاندا راكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

بىرىنچى، ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش

ھەرىكەت ئۇسۇلىنى ۋە ھەرىكەت مىقدارىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغاندا راك يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؛

ئىككىنچى، ساغلام ئوزۇقلىنىش

يىرىك تالالىق يېمەكلىكلەر، مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى ياغلىق، يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەك-ئىچمەكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش، كۆكىرىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ۋە تۇزلانغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش؛

ئۈچىنچى، تاماكا-ھاراق تاشلاش

ھاراق، تاماكا بىلەن ئامال بار ئاز ئۇچرىشىپ، نەپەسلىنىش ۋە ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ غىدىقلىنىىشىدىن ساقلىنىش؛

تۆتىنچى، بالدۇر بايقاش

ئەگەردە دەسلەپكى مەزگىلدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى بولسا، بالدۇر داۋالاش كېرەك، مەسىلەن، يوشۇرۇن بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنى بالدۇر داۋالاش، جىگەر ياللۇغىنى بالدۇر داۋالاش قاتارلىقلار؛

بەشىنچى، ئاكتىپلىق بىلەن ۋاكسىنا ئەملەش، بولۇپمۇ B تىپلىق جىگەر ياللۇغى، C تىپلىق جىگەر ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەرنىڭ ۋاكسىنىسىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئەملەش؛

ئالتىنچى، كەيپىياتنى ئەركىن تۇتۇش، بېسىمنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا يېنىكلىتىش.

يەتتىنچى، رادىئاتسىيە مەنبەسىگە يېقىنلىشىشتىن ساقلىنىش؛

سەككىزىنچى، ۋاقتىدا بالىلىق بولۇش، بالىنى ئانا سۈتىدە بېقىش.

خەلق گېزىتى ئۈندىدار سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى