تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

سۇ ئىچىش ئارقىلىقمۇ ئورۇقلىغىلى بولىدۇ

سۇ ئىچىش ئورۇقلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان ياردەمچى. بىز ئىچكەن سۇ ئاشقازان بوشلۇقىنى ئىگىلەپ، تويۇنۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە ئۇسساشتىن ھېس قىلىدىغان ئېچىرقاش تۇيغۇسىنى يوقىتىپ، بىزنىڭ ئورۇقلاش جەريانىدىكى ئىشتىھايىمىزنى كىچىكلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ. سۇ ياغنىڭ خورىشىغا ياردەم بېرىدۇ، بەدەننىڭ بىر كىلوگرام ياغنى مېتابولىزملىق ئالماشتۇرۇشىغا 10L سۇ كېتىدۇ، سۇ يېتەرلىك بولمىسا ماددا ئالمىشىش سۈرئىتى تۆۋەنلەيدۇ.

ئورۇقلاش مەزگىلىدە چوقۇم يېتەرلىك سۇ تولۇقلاش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ياغنى تېز سۈرئەتتە مېتابولىزملىق ئالماشتۇرۇپ، كېرەكسىز ماددىلارنى ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىغىلى بولىدۇ. سۇ ئىچىش ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدۇ، بۇ، «ھەرىكەت قىلىش» ئارقىلىق ئورۇقلاشقا باراۋەر. ھەر كۈنى 2000ml سۇ ئىچكەندە، تەخمىنەن 100 كىلوكالورىيە ئېنېرگىيە سەرپ بولىدۇ، بۇ 15 مىنۇت ئاستا يۈگۈرگەنگە باراۋەر. بۇنداق ھەرىكەت ئۇسۇلى ئاددىي ھەم كىشىنى ھارغۇزمايدۇ.

ئۇنداقتا، ئورۇقلاش مەزگىلىدە قانداق سۇ ئىچىش كېرەك؟ ئەڭ ياخشىسى قايناقسۇ ئىچىش كېرەك، بۇنىڭ مەشغۇلاتى ئاددىي بولۇپ، ھورۇن كىشىگە تولىمۇ ماس كېلىدۇ. سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆزىنى ئازادە ھېس قىلدۇرسىلا بولىدۇ، ئىلمان ياكى سەل سوغۇق بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ. ئورۇقلاۋاتقان دوستلار ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ ئىچىدىغان سۇنىڭ مىقدارىنى مۆلچەرلىسە بولىدۇ. ئەگەر ھاۋا ئىسسىق، ھەرىكەت كۆپ بولسا، سۇنىڭ مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتسە بولىدۇ.

سۇ ئىچىش ۋاقتىغا قاتتىق تەلەپ قويۇلمايدۇ، مۇھىمى بىر كۈن ئىچىدە كۆپ قېتىم سۇ تولۇقلاش، بىر قېتىمدا 250m1~500ml ئىچىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئاشقازان - ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلىشنى ئېلىپ ئېيتساق، تاماقتىن بۇرۇن ئىككى ئىستاكان سۇ ئىچىش ئىشتىھانى پەسەيتىدىغان ياخشى ئۇسۇل.

سۇ ئىچىپ ئورۇقلاشنىڭ ئەكس تەسىرى بارمۇ؟ ئادەتتە سۇ-تۇز مېتابولىزمى كېسىلى بولمىسىلا سۇدىن زەھەرلىنىش كۆرۈلمەيدۇ، بىر نەچچە ئىستاكان سۇنى كۆپ ئىچىشنىڭ چوڭ تەسىرى يوق. لېكىن، سۇنى قانچە كۆپ ئىچسە شۇنچە ياخشى بولىۋەرمەيدۇ، چۈنكى ئىچكەن سۇ مىقدارى بىلەن ئورۇقلاش ئۈنۈمىنىڭ ئېنىق مۇناسىۋىتى يوق، سۇنى كۆپ ئىچسە كۆپ ئورۇقلاپ كېتىش ناتايىن. سۇ ئىچىپ ئورۇقلاش ئۇسۇلىغا قارىتا، بىز مۇۋاپىق مىقداردا سۇ ئىچىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

(جۇڭنەن داشۆسى شياڭيا دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ۋۇ جىڭ، مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى ۋاڭ مىن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش