تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىككى نۆۋەتلىك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى نۆۋەت بىلەن شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شې خۇيبيەن خەۋىرى): مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 9-ئاينىڭ 6-كۈنى كۈندۈزدىن 9-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە ئىككى نۆۋەتلىك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىنجاڭغا ئارقىمۇئارقا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، پۈتۈن شىنجاڭدا غەربتىن شەرققە سۈرۈلگەن يۆنىلىشتە ئازراق ياكى ئوتتۇراھال يامغۇر يېغىپ، تېمپېراتۇرا ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەيدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى چوڭ بولىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، ئىلى ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستىدا قاتتىق يامغۇر ياكى قارا يامغۇر ياغىدىكەن.

  مۆلچەرلىنىشىچە 9-ئاينىڭ 6-كۈنى كۈندۈزدىن 9-ئاينىڭ 8-كۈنى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە بايىنغولىن ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تۇرۇپ-تۇرۇپ يامغۇر ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايون، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايون، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربىي ۋە شىمالىي قىسمى، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر، قىسمەن رايونلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدىكەن، 9-ئاينىڭ 6-كۈنى كېچىدىن 9-ئاينىڭ 7-كۈنى كۈندۈزگىچە ھۆل-يېغىن ئەڭ كۈچلۈك بولىدىكەن. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كۆپ قىسىم رايونلاردا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىپ، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى توققۇز بال بولىدىكەن، تېمپېراتۇرا ℃8 __ ℃5 تۆۋەنلەيدىكەن.

  9-ئاينىڭ 9- كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا غەربتىن شەرققە سۈرۈلگەن يۆنىلىشتە ئازراق ياكى ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدىكەن (تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا يامغۇر قارغا ئۆزگىرىدىكەن)، بۇنىڭ ئىچىدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، ئىلى ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى تاغلىق رايونلار، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي قىسمى، سانجى ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايونلار، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمى، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، 9-ئاينىڭ 10-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە ھۆل-يېغىن ئەڭ كۈچلۈك بولىدىكەن. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان رايونلاردا بەش-ئالتە بال قىيپاش شىمال شامىلى چىقىپ، شامال ئېغىزلىرىدا بوران كۈچى 10 بال ئەتراپىدا بولىدىكەن، 30 چاقىرىملىق، 100 چاقىرىملىق شامال رايونىدا پەيتلىك ئەڭ چوڭ بوران كۈچى 11_12 بال بولىدىكەن، تېمپېراتۇرا داۋاملىق تۈردە ℃8__℃5 تۆۋەنلەيدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى لۈ شىنشېڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: بۇ قېتىمقى ھۆل-يېغىننىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزۇن، يىغىندى ھۆل-يېغىن مىقدارى كۆپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش دەرىجىسى چوڭ بولىدۇ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان رايونلاردا يىغىندى ھۆلچىلىك، قىسمەن جايلاردا كەلكۈن ۋە لاتقا-شېغىللىق ئېقىن، تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش قاتارلىق مېتېئورولوگىيەلىك خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ، ھەر قايسى تارماقلار بىخەتەرلىك باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە ھەرقايسى جايلارغا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن ھوسۇل ئېلىشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، مېۋە ئۈزۈش ۋە ئېتىز پەرۋىشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپىنى بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى