تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ئاۋىياتسىيە قاتنىشى يۇقىرى پەللىسىدە ئايروپىلاننىڭ كۈندىلىك ئۇچۇش-قونۇش قېتىم سانى 578 گە يەتتى

  ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى مەملىكەت بويىچە يەككە ئۇچۇش-قونۇش يولى ئەڭ ئالدىراش ئايرودۇرۇمغا ئايلاندى

  شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9-ئاينىڭ 3-كۈنى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ ياۋ خەۋىرى): شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت سىجىل ياخشىلىنىۋاتقان چوڭ مۇھىتتا، ترانسىپورت، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ جانلانغان مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىشى ھەمدە شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ داۋاملىق جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى دىۋوپو خەلقئارا ئايروپورتى مەملىكەت بويىچە يەككە ئۇچۇش-قونۇش يولى ئەڭ ئالدىراش ئايرودۇرۇمغا ئايلاندى.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر مەملىكەت بويىچە 20 مىليون دەرىجىلىك يەككە ئۇچۇش-قونۇش يولىغا ئىگە ئايرودۇرۇمدىن شيامېن، چىڭداۋ، خەيكوۋ، ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت تۆتى بار ئىكەن. 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى دىۋوپو خەلقئارا ئايروپورتى ئايروپىلاننىڭ كۈندىلىك ئۇچۇش-قونۇش قېتىم سانىنىڭ 572 ئايروپىلان قېتىمغا يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلغان، بۇ شيامېن، چىڭداۋ، خەيكوۋ ئايرودۇرۇمىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 40 قېتىم، 42 قېتىم، 136 قېتىم كۆپ بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاۋىياتسىيە قاتنىشى يۇقىرى پەللىسىدە ئايروپىلاننىڭ كۈندىلىك ئۇچۇش-قونۇش قېتىم سانى 578 گە يېتىپ، كۈندىلىك ئۇچۇش-قونۇش قېتىم سانى ۋە ئاۋىياتسىيە قاتنىشى يۇقىرى پەللىسىدىكى كۈندىلىك ئۇچۇش-قونۇش قېتىم سانى جەھەتتە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.

  ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى شۆبە شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: شىركەت شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ ئومۇمىي خىزمەت تەپەككۇرىنى باشتىن-ئاخىر ئىزچىللاشۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇردى ھەمدە تۈرلۈك مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ئىزچىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇچۇش كاپالىتى ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ ئايرودۇرۇمىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايوننىڭ «شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ياردەم بەردى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى