تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يېڭى نۇسخىدىكى خەلق پۇلى تارقىتىلدى

  جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: جۇڭگو خەلق بانكىسى 8- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن باشلاپ 2019- يىللىق نۇسخىدىكى بەشىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى 50 يۈەن، 20 يۈەن، 10 يۈەن، بىر يۈەنلىك قەغەز پۇل ۋە بىر يۈەن، بەش مو، بىر مولۇق تەڭگە پۇل تارقىتىشنى بېكىتتى. يېڭى نۇسخىدىكى خەلق پۇلىنىڭ زادى قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟ قېنى ئەمدە بۇ ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ باقايلى!

2019-يىللىق نۇسخىدىكى بەشىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى مانا مۇنداق

سۈرەت مەنبەسى: مەركىزىي بانكا تورى

  

  يېڭى تېخنىكا قوشۇلغان قەغەز پۇلنىڭ رەڭگى تېخىمۇ ئوچۇق

  مەركىزىي بانكىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2019-يىللىق نۇسخىدىكى بەشىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى 50 يۈەن، 20 يۈەن، 10 يۈەن، 1 يۈەنلىك قەغەز پۇل ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2005-يىللىق نۇسخىدىكى بەشىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى 50 يۈەن، 20 يۈەن، 10 يۈەنلىك قەغەز پۇل ۋە 1999-يىللىق نۇسخىدىكى بەشىنچى يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ بىر يۈەنلىك ئۆلچىمىدە بولۇپ، ئاساسىي نۇسخىسى، ئاساسىي رەڭگى، «جۇڭگو خەلق بانكىسى»نىڭ نامى، دۆلەت گېربى، ئەمالار يېزىقىدىكى سومما بەلگىسى، خەنزۇ تىلى پىنيىنچە بانكا نامى، مىللىي يېزىق قاتارلىق ئامىللار ئۆزگەرمەي، پۇل يۈزى رەڭگىنىڭ ئوچۇق-يورۇق بولۇش دەرىجىسى ئاشۇرۇلۇپ، پۇل يۈزىدىكى قۇرۇلما قاتلىمى ۋە ئۈنۈمى ئەلالاشتۇرۇلغان.

  بۇنىڭدىن سرت، 2019-يىللىق نۇسخىدىكى بەشىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى 50 يۈەن، 20 يۈەن، 10 يۈەن، بىر يۈەنلىك قەغەز پۇلنىڭ ئوڭ يۈزىدىكى ماۋ زېدۇڭنىڭ باش سۈرىتى، بېزەك گۈللىرى، توغرىسىغا يېزىلغان نومۇر، ئارقا يۈزىدىكى ئاساسىي كۆرۈنۈش ۋە ئوڭ ئارقا يۈزىدىكى سان - سىفىرلارنىڭ شەكلى تەڭشىلىپ، ئوڭ يۈزىدىكى بېزەك نۇسخىلىرى كۆپەيتىلىپ، ئوڭ يۈزىگە ئويمان بېسىلغان قول سېزىمى سىزىقى ۋە ئارقا تەرىپىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى بۇرجىكىدىكى قىسمەن نەقىشلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، پۇل يۈزىدىكى يىل نومۇرى «2019-يىل»غا ئۆزگەرتىلگەن.

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى بەشىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى بىر يۈەن، بەش مو، بىر مولۇق تەڭگە پۇل ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1999-يىللىق نۇسخىدىكى بەشىنچى يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ بىر يۈەن، بەش مولۇق تەڭگە پۇلى ۋە 2005-يىللىق نۇسخىدىكى بەشىنچى يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ بىر مولۇق تەڭگە پۇلىنىڭ تاشقى ئالاھىدىلىكى، «جۇڭگو خەلق بانكىسى»نىڭ بانكا نامى، خەنزۇ تىلى پىنيىنچە پۇل سوممىسى، خەلق پۇلىنىڭ بىرلىكى، نۇسخىسى، خەنزۇ تىلىدىكى بانكا نامى قاتارلىق ئامىلللار ئۆزگەرمەي، ئالدى يۈزىدىكى رەقەمنىڭ شەكلى تەڭشىلىپ، ئارقا يۈزىدىكى رەسىم مۇۋاپىق قىسقارتىلغان.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بەش مولۇق تەڭگە پۇلنىڭ ماتېرىيالى پولات ئۆزەككە مىس يالىتىلغان قېتىشمىدىن پولات ئۆزەكلىك نىكېل يالىتىلغان قېتىشمىغا ئۆزگەرگەن، رەڭگى ئالتۇن رەڭدىن نىكېل رەڭگىگە ئۆزگەرتىلگەن. ئوڭ ئارقا تەرىپىنىڭ ئىچكى گىرۋىكى يۇمىلاق شەكىلدىن كۆپ تەرەپلىككە تەڭشەلگەن، دىئامېتىرى ئۆزگەرمىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى