جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى 72:59 نەتىجىدە ۋېنسۇئېلا كوماندىسىغا يېڭىلىپ قېلىپ، 16 كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىرەلمىدى؛ بۇ يەنە ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە (بۇ ئاۋۋالقى دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئىككىنچى قېتىم ساھىبخانا كوماندىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىن چىقالمىغانلىقى ھېسابلىنىدۇ (2006- يىللىق دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ساھىبخانا كوماندا ياپونىيە گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىن چىقالمىغانىدى)، بىراق جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى يەنىلا كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشنى تالىشىش سالاھىيىتىنى قولدىن بېرىپ قويغىنى يوق. گۇاڭجوۋ مۇسابىقە رايونىدا، ئۇلار 17~32گىچە بولغان رەت تەرتىپكە تىزىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ، ئەگەر ئاسىيا كوماندىلىرى ئارىسىدا نەتىجىسى ئەڭ ياخشى كوماندا بولالىسا، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى يەنە توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشالايدۇ، قىزىقارلىقى شۇكى، نۆۋەتتە، جۇڭگو ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىمۇ گۇاڭجوۋدا يىغىلىپ مەشىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىككى كوماندا بىر مېھمانسارايغا چۈشكەن، دۆلەت ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ گۇاڭجوۋدا ئۇچرىشىشىمۇ كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كوماندىسى، ئىران كوماندىسى، كورېيە كوماندىسى، ياپونىيە كوماندىسى، ئىئوردانىيە كوماندىسى، فىلىپپىن كوماندىسىنىڭ ھەممىسى گۇرۇپپىدىن چىقالمىدى، بىراق بۇ جۇڭگو كوماندىسى ئۈچۈن پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ. ياپونىيە كوماندىسى كېلەر يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ساھىبجانا كوماندىسى، ئۇلار توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بىۋاسىتە قاتنىشىدۇ، قالغان بەش كوماندا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى تالىشىدۇ.
جۇڭگو كوماندىسى، كوتىدى ئىۋۇئېر كوماندىسى، كورېيە كوماندىسى ۋە نىگېرىيە كوماندىسى بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، جۇڭگو كوماندىسى ئالدى بىلەن كورېيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، ئەگەر مۇسابىقىدە يېڭەلىسە، رەت تەرتىپ مۇسابىقىسىدە ئاسىيا كوماندىسى ئارىسىدا ئەۋزەللىكگە ئىگە بولىدۇ. بۇ مەيدان مۇسابىقە 9- ئاينىڭ 6- كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
گۇاڭجوۋ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى