تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

جۇڭگو بىلەن كورېيە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزىدۇ

ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى نەچچە كۈن ئىلگىرى 2020- يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاسىيا رايونى بويىچە تاللاش مۇسابىقىسىنى جۇڭگو بىلەن كورېيەنىڭ بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ياپونىيە ئاياللار پۇتبول كوماندىسى توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ساھىبخانا كوماندىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزلىكىدىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسى ئاسىيا رايونى بويىچە تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچى ئايلانما مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كوماندىدىن جەمئىي سەككىزى بار بولۇپ، ئۇلار: جۇڭگو كوماندىسى، جۇڭگو تەيبېي كوماندىسى، كورېيە كوماندىسى، چاۋشيەن كوماندىسى، ئاۋىستىرالىيە كوماندىسى، بىرما كوماندىسى، تايلاند كوماندىسى ۋە ۋيېتنام كوماندىسى. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى كېلەر يىلى 2- ئاينىڭ 3- كۈنى باشلىنىپ، 2- ئاينىڭ 9- كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. سەككىز كوماندا ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا جۇڭگو ۋە كورېيەدە مۇسابىقىلىشىدۇ، ھەربىر گۇرۇپپىدىكى ئالدىنقى ئىككى ئورۇندا تۇرغان كوماندا ھەل قىلغۇچ ئايلانما مۇسابىقىگە كىرىدۇ. كېلەر يىلى ئۈچىنچى ئايدا، ھەل قىلغۇچ ئايلانما مۇسابىقىسىگە كىرگەن تۆت كوماندا ئۆز مەيدان، قارشى تەرەپ مەيداندىن ئىبارەت قوش ئايلانمىلىق مەيدان قائىدىسىدە مۇسابىقىلىشىدۇ، جۇغلانما نومۇرى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئىككى كوماندا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ. جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق رىقابەتچىلىرى ئاۋىستىرالىيە كوماندىسى، چاۋشيەن كوماندىسى ۋە كورېيە كوماندىسى، ئىقتىدارى بىر-بىرىدىن پەرقلەنمەيدىغان تۆت كوماندا ئارىسىدا، جۇڭگو كوماندىسى چوقۇم جاپالىق جەڭ قىلىدۇ.

بېيجىڭ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش