تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

مائارىپ مىنىستىرلىقى 2019-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئوقۇتۇش، ئادەم تەربىيىلەش نەمۇنىچىلىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ 9-ئاينىڭ 3-كۈنى تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 3-كۈنى، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى رېن يوۋچۈن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەمدە 2019-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئوقۇتۇش، ئادەم تەربىيىلەش نەمۇنىچىلىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، جەمئىي 10 ئوقۇتقۇچى تاللاندى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى رېن يوۋچۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2010-يىلىدىن باشلاپ، مائارىپ مىنىستىرلىقى يىلدا 10 نەپەر «مەملىكەت بويىچە ئوقۇتۇش، ئادەم تەربىيىلەش نەمۇنىچىلىرى»نى باھالاپ چىققان. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئالىي مائارىپ، كەسپىي مائارىپ، ئاساسىي مائارىپ، بالىلار مائارىپى، ئالاھىدە مائارىپ قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك مائارىپتىن ئون ئوقۇتقۇچى تاللاندى. بۇنىڭ ئىچىدە: ئەر ئوقۇتقۇچى 4 نەپەر، ئايال ئوقۇتقۇچى 6 نەپەر؛ ئەڭ چوڭى 69 ياش، ئەڭ كىچىكى 33 ياش؛ يېزا ئوقۇتقۇچىسى 2 نەپەر، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچى 3 نەپەر.

  2019-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئوقۇتۇش، ئادەم تەربىيىلەش نەمۇنىچىلىرى تىزىملىكى

  1. خېبىي ئۆلكىسى شىڭلۇڭ ناھىيەسى ليۇداۋخې ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جيا لىمىن

  2. سەنشى ئۆلكىسى چاڭجى شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شۈ جۈنزې

  3. شاڭخەي سۇڭ چىڭلىڭ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى فېڭ لىرۇڭ

  4. جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرى چىيىن مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جاڭ لى

  5. جۇڭنەن داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گۇي ۋېيخۇا

  6. گۇاڭشى بېيخەي شەھىرى ۋېيجوۋ ئارىلى يەسلىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى فەن خۇيلى

  7. خەينەن كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لى لىننا

  8. تۇڭرېن كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گۇ چاڭخۇا

  9. شىزاڭ ئاپتونوم رايونى شۇاڭخۇ ناھىيەسى شىيدې يېزىسى ۋەنچۈەن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لامۇ

  10. غەربىي شىمال سىفەن داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ زۇڭلى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى