تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە پار ئىشلەتكۈچى ئائىلىلەر 9- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن بۇرۇن پارنى توختىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر دۇەن شاۋلى) ھاۋانىڭ سوۋۇشىغا ئەگىشىپ، 2019 ــ 2020- يىللىق ئىسسىقلىق تەمىنلەش مەزگىلى يېقىنلىشىپ قالدى. بۇ يىل قىشتا ئۆيىنى ئىسسىقلىق تەمىنلەش ھاجەتسىز بولغان شەھەر ئاھالىلىرى باشقا ئاممىنىڭ نورمال ئىسسىقلىق ئىشلىتىشىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئەھۋالدا، 9- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن بۇرۇن ئىسسىقلىق تەمىنلەش ئورۇنلىرىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، ئىسسىقلىق تەمىنلەش خىراجىتىنى تېجەپ قالسا بولىدۇ.

  9- ئاينىڭ 4- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسسىقلىق تەمىنلەش كەسپىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، «ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەرنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى باشقۇرۇش نىزامى»نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئۈرۈمچىنىڭ ئىسسىقلىق تەمىنلەش ۋاقتى شۇ يىلى 10ـ ئاينىڭ 10ـ كۈنىدىن كېيىنكى يىلى 4ـ ئاينىڭ 10ـ كۈنىگىچە بولىدىكەن. ئىسسىقلىق ئىشلەتكۈچىلەر باشقا ئاممىنىڭ نورمال ئىسسىقلىق ئىشلىتىشىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئەھۋالدا، ئىسسىقلىق تەمىنلەشنى توختىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن، ئەمما ئىسسىقلىق تەمىنلەش مەزگىلى باشلىنىشتىن 30 كۈن بۇرۇن ئىسسىقلىق تەمىنلەش كارخانىلىرىغا يازما شەكىلدە ئىلتىماس سۇنۇشى، ھەمدە توختامنى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك.

  مۇنداقچە ئېيتقاندا، شەھەر ئاھالىلىرى 9- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن بۇرۇن، ئىسسىقلىقنى توختىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك، ئىسسىقلىق تەمىنلەش ئورۇنلىرى نەق مەيدانغا بېرىپ ئىسسىقلىق توختىتىش شارائىتىنى ھازىرلىغان ياكى ھازىرلىمىغانلىقىنى ئېنىقلايدۇ.

  ئىسسىقلىق تەمىنلەشنى توختىتىشنى ئىلتىماس قىلغان ئاھالىلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى بىر قەدەر ئاز بولغاچقا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىسسىقلىق  ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئىسسىقلىق تەمىنلەش ئورۇنلىرى يەنىلا ئېھتىياجلىق بولغان ئىسسىقلىق مىقدارى بويىچە نورمال ئىسسىقلىق تەمىنلەيدۇ. شۇڭا ئىسسىقلىق  توختىتىشنى ئىلتىماس قىلغان شەھەر ئاھالىسى يەنىلا ئاساسىي ئىسسىقلىق ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك.

  دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەھۋالدا ئىسسىقلىقنى توختىتىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ: بىرىنچىسى، ئىسسىقلىق بىر تۇرۇبىلىق ئايلانما  تەمىنلىنىدىغان ئائىلىلەر؛ ئىككىنچىسى، يېڭىدىن سېلىنغان، تەمىنلەش ئەسلىھەلىرى رېمونت كاپالىتى مۇددىتى ئىچىدە بولغان ئائىلىلەر؛ ئۈچىنچىسى، قوشنىلىرىنىڭ ئىسسىقلىق ئىشلىتىش بىخەتەرلىكى ۋە ئاھالىلەرگە ئورتاق ئىسسىقلىق تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنىڭ يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان باشقا ئەھۋاللار؛

  «ھازىر مىڭغا يېقىن ئىسسىقلىق ئىشلەتكۈچى ئائىلە كېلىپ، ئىسسىقلىق توختىتىشنى ئىلتىماس قىلدى، توختىتىش سەۋەبىنىڭ كۆپىنچىسى يېڭى ئۆيىنى تېخى بېزىمىگەن ۋاقتىنچە كۆچۈپ كىرمەيدىغانلار» دېدى ئۈرۈمچى «خۇايۈەن» پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ بىر خىزمەتچىسى تونۇشتۇرۇپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى