تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

دادامغا يازغان بىر پارچە خەت

  سۆيۈملۈك دادا:

  سىزنى سېغىندىم! يېقىندىن بۇيان سالامەتلىكىڭىز قانداقراق؟

  سالامەتلىكىڭىزنى چوقۇم ياخشى ئاسراڭ، كەيپىياتىڭىزنى ياخشى تۇتۇڭ، دائىم بەدەن چېنىقتۇرۇپ تۇرۇڭ، سىڭىشلىك تاماقلارنى يەڭ، كۆپرەك كىتاب ۋە گېزىت كۆرۈڭ، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان دراما ۋە ئەلنەغمە ئاڭلاپ بېرىڭ، ۋاقتىڭىز بولسا باشقىلار بىلەن بىر نەچچە قول شاھمات ئويناڭ.

  مەن ئاقدالا بازىرى ئوتتۇرا قىزىلمويناق كەنتىدە ناھايىتى ياخشى تۇرۇۋاتىمەن، كۈنلىرىم ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۆتۈۋاتىدۇ. بۇ يەردە، ھەر ھەپتە كەنتتىكىلەر بىلەن بىرگە دۆلەت بايرىقى چىقىرىمىز، كەچلىك كۇرسقا قاتنىشىمىز، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىمىز، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز. ئىشلار مۇرەككەپرەك بولغىنى بىلەن، ھەممىسى خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ.

لى شېڭماۋ (سولدىن 2- كىشى) خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرى بىلەن زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىنى تەكشۈرمەكتە.

خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت» ى بىرلىكتە كەنتنىڭ ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلماقتا.

  كەنتىمىزدە 49 نامرات ئائىلە بار، ئۇلار پارتىيەنىڭ ھەر تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ ياردىمىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى، بىراق نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى ئۆزگەرگىنى يوق. نۇرغۇن نامرات ئائىلىلەر ھەر يىلى نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن بەھرىلىنەلەيدۇ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، نامراتلارنى يۆلەش كالا، قوي ۋە توخۇسى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ھەممىسى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ھەسەل ھەرىسى باقىدىغان، سىلوسلاش ئورىسى، ئاپتوموبىل رېمونتچىلىقى، ئۆي بېزەش، كەشتىچىلىك، يەم - خەشەك ئېزىش قاتارلىق ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرىمۇ بار. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلار ئۈچۈن خۇشال بولدۇم، سۆيۈملۈك پارتىيە ۋە دۆلىتىمىز ئۈچۈن خۇشال بولدۇم، مۇشۇنداق ئۇلۇغ دۆلەت ۋە ئۇلۇغ دەۋردە ياشاپ ھەقىقىي بەختنى ھېس قىلدىم.

    لى شېڭماۋ (سولدىن 2- كىشى) دېھقانلارغا ياردەملىشىپ زىرائەتلەرنى يۆتكىمەكتە.

  كەنت كادىرلىرى ۋە خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئۆزئارا ياردەم بېرىدۇ، ئۆزئارا كۆيۈنىدۇ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدۇ، ئۆزئارا ماسلىشىدۇ، ناھايىتى ئىتتىپاق ئۆتىدۇ. كەنت كادىرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى 80- يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار، ساپاسى يۇقىرى، خىزمەت ئىقتىدارى كۈچلۈك، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشلار، خىزمەتتە بىز «سەپداش»، تۇرمۇشتا «قېرىنداش». 70- يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلارغا تەۋە بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇلاردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم، ئۇلار بىلەن بىرگە خىزمەت قىلىش، بىرگە ياشاش مەن ئۈچۈن شەرەپ!

بەختلىك بىر ئائىلە كىشىلىرى.

  سىز پېنسىيەگە چىققان پارتىيەلىك كادىر، مەن پارتىيە ئەزاسى ۋە دۆلەت خادىمى، مەن سىزنىڭ خىزمىتىمنى قوللاپ ۋە مەدەت بەرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن، مەن داۋاملىق ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلەيمەن!

  يىراقتىن دادامنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلەيمەن.

                                                            ھۆرمەت بىلەن: ئوغلىڭىز لى شېڭماۋ

                                                           2019- يىل 8- ئاينىڭ 21- كۈنى كەچ

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى