تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى تەسىس قىلىنغان 35 يىل: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى %79 ئېشىپ، 16 مىليون 738 مىڭ 300گە يەتتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9-ئاينىڭ 3-كۈنى تېلېگراممىسى: 35-قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ھارپىسىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: 35 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى. دۆلىتىمىزدە ھازىر 16 مىليون 738 مىڭ 300 ئوقۇتقۇچى بار، 1985-يىلىدىكى 9 مىليون 319 مىڭدىن %79 ئاشتى.

   مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى رېن يوۋچۈن مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى 1985-يىلى تەسىس قىلىنغان، ھازىرغىچە 35 يىل بولدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى زور دەرىجىدە كېڭىيىپلا قالماي، ساپاسىمۇ زور دەرىجىدە ئاشتى. ئوقۇش تارىخى جەھەتتە، 1985-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 61.59 پرسەنت پوئىنت، 80.59 پرسەنت پوئىنت ئاشتى. ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشى تۈزۈملىشىش، قانۇنچىللىشىش ئىزىغا سېلىندى.

  يېزا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى جەھەتتە، «ئالاھىدە ئىش ئورۇن پىلانى»نى يولغا قويۇش ئارقىلىق، 2012-يىلىدىن بۇيان، ئوتتۇرا غەبىي قىسىمدىكى ئۆلكىلەردىن جەمئىي 510 مىڭ ئالاھىدە ئىش ئورۇنلۇق ئوقۇتقۇچىنى قۇبۇل قىلىپ، يېزا مائارىپىغا «يېڭى قان» كىرگۈزۈپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇردى. ئون مىڭ ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانى، «ئۈچ رايون» ئىختىساسلىقلارنى قوللاش پىلانى ئوقۇتقۇچىلار مەخسۇس پىلانى قاتارلىقلار ئارقىلىق، «ئۈچ رايون ئۈچ ئوبلاست» قاتارلىق نامرات رايونلارغا 250 مىڭغا يېقىن ئوقۇتقۇچى تولۇقلىنىپ، يىلدا دەل جايىدا تەربىيىەلەنگەن ئوقۇتقۇچى ئون مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

  رېن يوۋچۈن مۇنداق دېدى: 35 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنى، تەمىناتى تېخىمۇ «ھۆرمەتلەندى، كۆڭۈل بۆلۈندى». ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن ئىلگىرى خەلق ئىگىلىكىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئارقىدىن سانىغاندا 3- ئورۇندا بولۇپ، ھازىر مەملىكەت بويىچە 19 چوڭ ساھە ئىچىدە 7- ئورۇنغا كۆتۈرۈلدى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان سىياسىتىنى تەڭشەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇنۋان قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش، ئۆمۈرۋايەت ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى