تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز يۈ مېڭفەن، جاڭ ۋەندې خەۋىرى، فوتوسى) 9- ئاينىڭ 4- كۈنى كېچىدە ئازراق يامغۇر يېغىپ شامال چىقتى. يازلىق چىرايلىق كۆينەكلەرنى كىيىپ بولالماي، دالا كاۋاپلىرىنى تېخى يەپ تويماي، كەچلىك بازاردىكى زىياپەتلەرگە تېخى قانماي تۇرۇپلا، كۈز شامىلى ئېلىپ كەلگەن كۈز پەسلىنى كۈتۈۋالىدىغان بولدۇق.
بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ۋە قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى قىسمەن تاغلىق رايونلاردا سىم - سىم يامغۇر ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ئۆتكۈنچى يامغۇر يېغىپ، كېيىن ھاۋا ئېچىلىدىكەن، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃22، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃15 بولىدىكەن، 3 ~ 4 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن.
بۈگۈنكى تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش ۋە يامغۇر بىر باشلىنىش بولۇپ، ئەتە (9- ئاينىڭ 6- كۈنى) دىن باشلاپ، تېمپېراتۇرا ھەقىقىي تۆۋەنلەيدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 9- ئاينىڭ 6- كۈنى كۈندۈزدىن 9- ئاينىڭ 12- كۈنىگىچە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ئىككى قېتىم شىنجاڭغا كىرىدىكەن، بۇ ئىككى قېتىملىق سوغۇق ھاۋا ئېقىمىدا شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ℃5 ~℃8 قىچە تۆۋەنلەيدىكەن. شۇ ۋاقىتتا، سىز كۈزنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلىسىز.