تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئورتاق تونۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشتا، جۇڭگونىڭ سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولدى

جۇڭ شېڭ

ئامېرىكا تەرەپتىكى بەزى كىشىلەر جۇڭگوغا قارىتىلغان سودا سۈركىلىشىنىڭ دەرىجىسىنى قايتا - قايتا ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئارگېنتىنا ئۇچرىشىشىنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە دابەن ئۇچرىشىشىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ئىختىلاپلارنى كېڭىشىپ ھەل قىلىشنىڭ توغرا يولىدىن چەتنەپ كەتتى. دۇنيا ئەھلى ئۆزئارا ئىشىنىش ئۇلىغا مۇشۇنداق زەربە بېرىلسە، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مەسىلىسىنى قانداقمۇ ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟ دەپ ئۇھسىندى.

ئورتاق تونۇشنى پىرىنسىپ دەپ قاراش ئەسلىدىنلا خەلقئارا ئادەت. جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا يۆنىلىش ۋە يول كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا مەۋجۇت بولغان غايەت زور مەنپەئەت گىرەلىشىشىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنىڭ ماھىيىتىنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەڭ پايدا ئېلىش ئىكەنلىكىنى تۈپ نۇقتىدىن ئېنىق تونۇغاندىلا، ئاندىن ئەستايىدىل ھالدا باراۋەر بولۇش ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، ئىقتىساد - سودا مەسىلىلىرىنى كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ. روشەنكى، ئامېرىكا تەرەپتىكى بەزى كىشىلەر بۇنداق ئاچقۇچلۇق مۇھىم نۇقتىنى پۇختا ئىگىلىمىگەن، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، يەنىلا ئورتاق تونۇشقا ئەمەل قىلىدىغان ئاساسىي ئاڭ ۋە ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش كەمچىل.

ئورتاق تونۇشنى قەدىرلەپ، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ، لەۋزىدە تۇرغاندىلا، ئاندىن سۆھبەتلىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتىنى ھازىرلىغىلى بولىدۇ، ئاندىن مەسىلىنى ھەل قىلىش پۇرسىتى بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مەسىلىسىنى سۆھبەت ئارقىلىق كېڭىشىپ ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى ھەم ئىزچىل ئەڭ زور سەمىمىيىتى بىلەن پائال كېڭىشىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ئىككى تەرەپ ئىقتىساد - سودا كوللېكتىپىنىڭ كېڭىشىش نەتىجىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقىنىغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، جۇڭگو تەرەپ قىسقىغىنا تۆت ئايدا فېنتايل تۈرىدىكى ماددىلارنى پۈتۈن تۈر بويىچە تىزىملىككە كىرگۈزۈپ باشقۇرۇشتىكى قانۇن باشقۇرۇش تەرتىپىنى تاماملىدى ھەم بۇ يىل 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويدى. بۇ يىل 6- ئاينىڭ ئاخىرى جۇڭگو - ئامېرىكا باشلىقلىرى دابەندە ئۇچراشتى، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئامېرىكىدىن ئىمپورتنى كۆپەيتىشىنى ئۈمىد قىلدى. 7- ئايدا، جۇڭگو كارخانىلىرى دادۇر، پاختا، ئاق قوناق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش توغرىسىدا ئامېرىكىدىكى مال تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەردىن باھاسىنى سۈرۈشتۈردى ھەم بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشقا پۈتۈشتى. ئامېرىكا تەرەپ 8 - ئاينىڭ 1- كۈنى جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكىدىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىدى دېگەننى باھانە قىلىپ، يەنە تاموژنا بېجى كالتىكىنى كۆتۈردى، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئېكسپورت قىلىپ سېتىش دوكلاتىدا شۇ كۈنى بىر جۇڭگو كارخانىسىنىڭ ئامېرىكا دادۇرىنى سېتىۋالغانلىق خاتىرىسى ئېنىق يېزىلغانىدى. زادى كىم ئورتاق تونۇشقا خىلاپلىق قىلدى؟ پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.

مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاكتىپ كۈچ ھەرىكىتىگە موھتاج. ئامېرىكا تەرەپتىكى بەزى كىشىلەر ۋەدىسى ۋە ئورتاق تونۇشقا كۆپ قېتىم زىت كېلىدىغان ھەرىكەت قىلدى، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىمۇ بۇ داۋلىنى «قارشىسىدىن چىقىپ ئىسپاتلىدى». ئۇلار تاموژنا بېجى تەھدىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا كېڭىشىشى مۇساپىسىگە ئېغىر كاشىلا قىلىپلا قالماي، كارخانىلارنىڭ تىجارەت پائالىيىتىگە قايتا - قايتا ئېنىقسىزلىق ئېلىپ كەلدى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا نۇرغۇن خەۋپ - خەتەر ئامىلىنى سىڭدۈردى. شۇنداق قىلىپ، ئەسلىدىلا ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان ئىقتىساد - سودا مەسىلىسىگە ھەل قىلىش قىيىن بولغان تۈر يېڭىدىن قوشۇلدى.

جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا كېڭىشىشى باراۋەر بولۇش ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشقا موھتاج، لەۋزىدە تۇرۇش، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ. ئەگەر راستىنلا جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەڭ پايدا ئېلىش كېلىشىمى ھاسىل قىلماقچى بولسا، ئامېرىكا تەرەپتىكى بەزى كىشىلەر جەزمەن ئورتاق تونۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، چىن كۆڭلى، سەمىمىي نىيىتى بىلەن توغرا يولغا قايتىپ كېلىشى كېرەك.

(2019- يىلى 9- ئاينىڭ 3- كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى