تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

مەڭگۈ ئۆچمەس ئاياغ ئىزى: پېڭ جيامۇ

پېڭ جيامۇنىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجوۋ، 9- ئاينىڭ 2- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لى شيۇڭيىڭ) گۇاڭجوۋ شەھىرىنىڭ بەييۈن رايونىدا بىر ئوتتۇرا مەكتەپ بار، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 30 مىڭ كىۋادرات مېتىر، ھازىر 32 سىنىپ، 1400دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار. بۇ ئوتتۇرا مەكتەپكە دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق ئالىمى پېڭ جيامۇنىڭ نامى قويۇلغاچقا، گۇاڭجوۋ پېڭ جيامۇ خاتىرە ئوتتۇرا مەكتىپى دەپ ئاتالغان.

پېڭ جيامۇ(彭加木)نىڭ ئەسلىي ئىسمى پېڭ جيامۇ(彭家睦)بولۇپ، 1925- يىلى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پەنيۈ ناھىيەسى (ھازىرقى گۇاڭجوۋ شەھىرىنىڭ بەييۈن رايونى)دە تۇغۇلغان. يەتتە يېشىدا خۇسۇسىي مەكتەپتە ئوقۇغان، 1942- يىلى ئەتىيازدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن. 1949- يىلى 5- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىيوخىمىيە تەتقىقات ئورنى، ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈش كومىتېتىدا ياردەمچى، ياردەمچى تەتقىقاتچى بولغان. 1953- يىلى 10- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

1956- يىلى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈش كومىتېتىنى تەشكىللەشكە تەييارلانغاندا، پېڭ جيامۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن موسكۋاغا بېرىپ ئوقۇش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان: «مەن چېگرا رايونغا بېرىشنى ئارزۇ قىلىمەن، بۇ مېنىڭ ئارزۇيۇم. مېنىڭ ئىلىم - پەن بىلىمىم بىرقەدەر كەڭ دائىرىلىك، تېنىم ساغلام. قىيىنچىلىق ئالدىدا، مەن قەددىمنى رۇسلاپ، قەيسەرلىك بىلەن بېشىمنى تىك تۇتۇپ ئالدىغا قارايمەن... مەندە قاقاس چۆلدە يول تېپىپ چىقالايدىغان جۈرئەت بار!» مۇراجىئەتنامىسىدە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىسمى «جيامۇ» (家睦)نى «جيامۇ» (加木)غا ئۆزگەرتكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: مەن كىچىك ئائىلەمدىن ۋاز كېچىپ، چېگرا رايونغا بېرىپ، چېگرا رايون ئۈچۈن «ھەسسە قوشۇشنى خالايمەن».

شۇنىڭدىن كېيىنكى 20 نەچچە يىلدا، پېڭ جيامۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 15 قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، ئۈچ قېتىم شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى ئادەمزاتسىز رايون لوپنۇرغا كىرگەن.

1964- يىلى ۋە 1979- يىلى، پېڭ جيامۇ ئىككى قېتىم لوپنۇرنىڭ ئەتراپىدا ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، زور مىقداردىكى كالىي تۇزى، ئاز ئۇچرايدىغان مېتال ۋە ئېغىر سۇ قاتارلىق قىممەتلىك بايلىقلارنى بايقاپ، بەزى مۇھىم، زور پەن تەتقىقات ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، چەت ئەللىك ئېكسپېدىتسىيەچىلەرنىڭ لوپنۇر توغرىسىدىكى بەزى خاتا قاراشلىرىنى تۈزىتىپ، «ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن لوپنۇر ھەققىدە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋېلىش» ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

1980- يىلى 5- ئايدا، پېڭ جيامۇ لوپنۇر ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى بولۇپ، ئۆزىنىڭ لوپنۇردىكى 3- قېتىملىق ئىلمىي تەكشۈرۈشىنى باشلىغان.

نۇرغۇن كۈن جاپالىق سەپەر قىلىش جەريانىدا، ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى نۇرغۇنلىغان جانلىق، تۇپراق ئەۋرىشكىلىرى ۋە مىنېرال تاش قاتمىلارنى يىغقان، نۇرغۇن قىممەتلىك بىرىنچى قول ماتېرىياللارنى توپلىغان. 6- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى جۇڭگولۇقلار ئۆزى ئەترەت تەشكىللەپ، تۇنجى قېتىم لوپنۇرنىڭ مەركىزىي بەلبېغىنى كېسىپ ئۆتۈپ، «ھېچكىم ئالۋاستى كۆلىگە جەڭ ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلالىغان ئەمەس» دېگەن رىۋايەتنى بۇزۇپ تاشلاشتەك ئۇلۇغ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. 6- ئاينىڭ 11- كۈنى، ۋەزىپىنى تاماملاپ بولغان ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى دەم ئېلىپ تەرتىپكە سېلىنغاندىن كېيىن، قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ جەنۇبىي لىنىيەسىنى بويلاپ يەنە بىر قېتىم لوپنۇر رايونىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈشكە تەييارلانغان. ئەترەت لوپنۇردىن قايتىپ كېلىش مۇساپىسىنى تەخمىنەن 800 كىلومېتىر، ئەڭ كۆپ بولغاندا يەتتە كۈن ۋاقىت كېتىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن، شۇڭا پەقەت يەتتە كۈنگە يەتكۈدەكلا سۇ، ماي قاتارلىق تەمىناتنى ئېلىپ ماڭغان. لېكىن سەپەر جەريانىدا ئەترەت كىشىنى چۆچۈتىدىغان قۇم - بورانغا ئۇچراپ ئاپتوموبىل بىرنەچچە قېتىم قۇمغا پېتىپ قېلىپ، ئۈچ كۈندە ئاران 150 كىلومېتىر يول يۈرگەن، ساقلاپ قالغان سۇنىڭمۇ رەڭگى ئۆزگىرىپ سېسىق پۇراشقا باشلىغان. كۆپچىلىك ئۆزلىرىگە ئەڭ يېقىن بولغان ئازادلىق ئارمىيە بازىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلىشنى قارار قىلغان. ئەينى چاغدا ياردەم تەلەپ قىلىپ سۇ يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن، 7000- 6000 يۈەن خەجلەشكە توغرا كېلەتتى، بۇ ناھايىتى كۆپ پۇل ئىدى، پېڭ جيامۇ ئايروپىلاندا سۇ توشۇسا بەك قىممەت بولۇپ كېتىدۇ، دۆلەتكە تېجەپ بەرگىلى مۇمكىن بولسىلا چوقۇم تېجەپ بېرىش كېرەك دەپ ئويلاپ، داۋاملىق سۇ مەنبەسى ئىزدەش نىيىتىگە كەلگەن.

6- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتە، شوپۇر ۋاڭ ۋەنشۈەن ئاپتوموبىل ئىشىكىنى ئاچقاندا، قېرىنداش بىلەن يېزىلغان: «مەن شەرققە قاراپ مېڭىپ قۇدۇق ئىزدەي، پېڭ. 6- ئاينىڭ 17- كۈنى، سائەت 10:30» دېگەن بىر باغاقچىنى بايقايدۇ. چۈشتىن كېيىنگە قەدەر، پېڭ جيامۇنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمىگەن. ئەتىسى سەھەردە، ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى: 6- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پېڭ جيامۇ ئۆزى يالغۇز سۇ ئىزدىگىلى سىرتقا چىقىپ كېتىپ، بەختكە قارشى يوقاپ كەتتى! دەپ دوكلات قىلغان. ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلغان تۆت قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك ئالا قويماي ئىزدەشتىنمۇ ھېچقانداق نەتىجە چىقمىغان.

پېڭ جيامۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئىلمىي تەكشۈرۈش ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى تەقدىم قىلىپ، لوپنۇردىكى مەڭگۈلۈك ئابىدىگە ئايلاندى. مەملىكەت بويىچە «پېڭ جيامۇ»نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بىردىنبىر خاتىرە ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، گۇاڭجوۋ پېڭ جيامۇ خاتىرە ئوتتۇرا مەكتىپى «ھەربىر ئوقۇغۇچىغا مۇۋەپپەقىيەتنى ھېس قىلدۇرۇپ، يول ياساش روھى بىلەن ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان ھازىرقى زامان كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈش»نى مەكتەپ باشقۇرۇش ئىدىيەسى قىلىش ئارقىلىق، جەمئىيەتكە ئۈزلۈكسىز يېڭى كىشىلەرنى تەربىيەلەپ بېرىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى