تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

باركۆل ناھىيەسىدىكى 257 مىڭ مو بۇغدايدىن مول ھوسۇل ئېلىندى

  8-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئىككى كومبايىن باركۆل ناھىيەسى داخې بازىرىدىكى بۇغدايلىقتا بۇغداي ئورماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر داۋۇت رېشىت فوتوسى، خەۋىرى): يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى 257 مىڭ مو كۈزگى بۇغداي پىشىپ، باركۆل ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى يېزا (بازار)لىرىدا ئارقا-ئارقىدىن ئورما باشلاندى، ھەممىلا يەردە مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەن كۆڭۈللۈك مەنزىرە نامايان بولدى.

  ئىگىلىنىشىچە، باركۆل ناھىيەسى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى ۋە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپېراتىپلىرىغا يەرنى مەركەزلىك ئوبورۇت قىلىش شەكلىنى قوللىنىپ، بۇغداينى تۇتاش تېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، نۇرغۇن تارقاق يەرنى پۈتۈنلەپ، كۆلەملەشكەن، تۈجۈپىلەنگەن  يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاساس سالغان، يەر بايلىقىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلىنىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • «قوشۇش، ئېلىش ئۇسۇلى»نى ياخشى ئىشلەش  شىنجاڭنىڭ ساياھەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش
  • جۇۋاۋا تۈگۈپ ئىتتىپاقلىق ھەققىدە پاراڭلىشىش
  • قىشلىق بېلىق تۇتۇش