تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىناق، مۇقىم ياخشى ۋەزىيەت ئارقىلىق يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىناق، مۇقىم ياخشى ۋەزىيەت ئارقىلىق يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك

شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيىتى ئارقىلىق يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ ھازىرقى مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەردانە ئىرادىسى ئۇرغۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا قاراپ ئاتلانغان مۇھىم تارىخىي تۈگۈن بولۇپ، ئەھمىيىتى مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىنى ساقلاشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ھازىرقى مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەدبىرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ئۈچۈن ئىناق، مۇقىم جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش، بىرىكمە مۇشت ئېتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىنى تۇتۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى قەتئىي، كەسكىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، ھوشيارلىقنى دائىم ساقلاپ، قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاممىۋى خىزمەتنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈش، ئامما ئارىسىغا بېرىش، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئامما بىلەن ئىتتىپاقلىشىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، كىشىلەر قەلبىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مايىل قىلىپ ۋە مۇجەسسەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل، چوڭقۇر ياخشى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق سۆزلەرنى كۆپرەك قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز سۆزلەرنى قەتئىي قىلماسلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئىشلارنى قەتئىي قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. دىنلارنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىشنى كۈچەيتىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجى ۋە نورمال دىنىي پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشنى ياخشى تۇتۇپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى ۋە تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى قەتئىي يېڭىپ، نۇقتىلىق ئورۇنلارنى چىڭ كۆزلەپ، يوشۇرۇن خەۋپنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ۋە تەبىئىي ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، ئاپەتتىن ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەر ئەسكەرتمىسىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ پولات ئىستىھكامى، پولات سېپىلىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار مەخسۇس ۋەزىپىدىكىلەر مەخسۇس مەسئۇل بولۇشى، مەخسۇس تۇتۇپ، مەخسۇس باشقۇرۇشى، بىرىنچى قول رەھبەر ئۆزى تۇتۇشى، باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، تەڭ تۇتۇپ، ئورتاق باشقۇرۇشى كېرەك، ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام كۈچلىرى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك؛ نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى قەلبكە پۈكۈپ، زىممىگە ئېلىپ، قولدا تۇتۇپ، ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتلاممۇقاتلام مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلىپى بويىچە، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق، پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئاممىۋى خىزمەتنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، پولاتتەك قەتئىي ئىشەنچ، پولاتتەك ئىرادە، پولاتتەك ئىنتىزام، پولاتتەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. بىڭتۇەن ئورگىنى، ھەرقايسى بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايون، يېزا، بازار، كوچا ۋە ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن - چاڭلارنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ھەرقايسى شۆبە يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.