تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى باش نىشانغا تۈرتكە بولۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي - قانۇن كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسى باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى باش نىشانغا تۈرتكە بولۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي - قانۇن كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تۆتكە سېلىشتۇرۇش» «تۆتنى تېپىش» توغرىسىدىكى تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھاسىلاتنى ئېدىتلاپ، مەسىلىنى تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشى، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىگە تۈرتكە بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى.

يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي - قانۇن كومىتېتى بەنزىسى ۋە بەنزە ئەزالىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان جاسارەت بىلەن مەسىلىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئۆزىنى تەنقىد قىلىپ كەمچىلىكىنى ئېچىپ، ئەيىبىنى ئاشكارىلاپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئۆزىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، ئەسكەرتىش، سەگىتىش، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مەقسىتىگە يەتتى.

ۋاڭ جۈنجېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي، كەسكىن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كىشىلەر قەلبىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، مۇجەسسەملەپ، ئېسىل ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پاك - دۇرۇس، تۆھپە قوشىدىغان ياخشى سىياسىي - قانۇن كادىرلىرىدىن بولۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق باش تېما تەربىيەسى 1- سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى يىغىنغا قاتنىشىپ يېتەكچىلىك قىلدى ھەم باھا بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى