تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاخىرلاشتى

بۇ يىل جەمئىي 183 مىڭ 900 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2019- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 8- ئاينىڭ 31- كۈنى ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشقان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچى 221 مىڭ كىشى بولۇپ، 183 مىڭ 900 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرسقا 83 مىڭ 400 كىشى قوبۇل قىلىنغان، ئالىي كەسپىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس)غا 100 مىڭ 500 كىشى قوبۇل قىلىنغان.

ئاپتونوم رايونىمىز توردا قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قوبۇل قىلىش نەق مەيدانىدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسى «قۇياش نۇرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» تۈرلۈك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تۈركۈملەردىكى قوبۇل قىلىش خىزمەت ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. قوبۇل قىلىش جەريانىدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قۇياش نۇرى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھۆكۈمەت تەرەپ تور بېكىتى، ئۈندىدارى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە قوبۇل قىلىش نەق مەيدانىنى ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۈرۈمچى، سانجى ئىككى جايدىكى يۈزگە يېقىن ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچى، ئاتا - ئانا، ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىلى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىسىدىكى مۇخبىرلار ۋەكىلىنى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەق مەيدانىغا كىرىشكە تەكلىپ قىلىپ، نۆل ئارىلىقتا توردا قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ھېس قىلدۇردى.

قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە، ئاپتونوم رايون ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان ئورنى قوبۇل قىلىنمىغان ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئارزۇ قوبۇل قىلىشقا قاتنىشىشقا ئەستايىدىل تەشكىللەپ، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىش پۇرسىتىنى ئاشۇرۇپ، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئەڭ زور چەكتە قوغدىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەرزىيەت، پاش قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈردى ۋە مۇۋاپىق يېتەكلىدى. قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىدىن كەلگەن جەمئىي 11 مىڭ 900 ئادەم قېتىم مەسلىھەت سوراش تېلېفونى قوبۇل قىلىنىپ، بۇلتۇرقىدىكىدىن %32 ئازايدى؛ نەق مەيداندا مەسلىھەت سورىغان ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىدىن 966 ئادەم قېتىم كۈتۈۋېلىنىپ، بۇلتۇرقىدىكىدىن %37 ئازايدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى