تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

كۇچا ناھىيەسى: قىزىل ئالۇچىدىن مول ھوسۇل ئېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ئاشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: «ئائىلىمىز ئۆستۈرگەن بەش مو قىزىل ئالۇچىدىن مول ھوسۇل ئالدۇق، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، قىزىل ئالۇچىلارنى تولۇق سېتىپ تۈگىتىپ، 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدۇق، خىزمەت ئەترىتىگە رەھمەت.» دېدى يېقىندا، كۇچا ناھىيەسى دۆڭقوتان بازىرى ياقا شۇنۇت كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى قېيۇم داۋۇت خۇشال ھالدا.

  كۇچا ناھىيەلىك دۆلەت مۈلكى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتكە كەلگەندىن كېيىن، بازار تەكشۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈش، كەنت ئاھالىلىرىدىن پىكىر ئېلىش  ئارقىلىق، پەرۋىش قىلىش ئاسان، پايدىسى يۇقىرى بولغان قىزىل ئالۇچىلارنى كىرگۈزۈپ، كەنتتىكى 20 ئائىلىلىكنىڭ 50 مودىن ئارتۇق قىزىل ئالۇچىسىنى تېرىشىغا ياردەم بەردى.

  كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ باي بولۇشىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى توردا ۋە تور سىرتىدا تەشۋىق قىلىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن قىزىل ئالۇچا سېتىۋالىدىغان سودىگەرلەر بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئۈندىدار قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىزىل ئالۇچىلارنى بېيجىڭ، شاڭخەي، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا سېتىشىغا ياردەم قىلدى.

  (ماقالىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ما گۈي، خوۋ بو تەمىنلىگەن)

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى