تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

تۇغقانلىرىنىڭ نەزەرىدە ئۇ ھەم «ۋاپادار ئوغۇل»، ھەم «كۆيۈمچان دادا»، يەنە تېخى «ياخشى ئاكا»

خې يۇڭجۈن مەنزىرەمدىن ھال سورىماقتا.

خىزمەتداشلىرىنىڭ نەزەرىدە، ئۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدۇ، ساداقىتى ۋە مەسئۇلىيىتى بىلەن بېشىدىكى ساقچى گېربىنى جۇلالاندۇرىدۇ؛ قوشماقلاشقان تۇغقىنىنىڭ نەزەرىدە، ئۇ سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل ئادەم، سەمىمىيىتى ۋە قىزغىنلىقى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رىشتىسىنى كۈچەيتىدۇ؛ قېرىنداشلىرىنىڭ نەزەرىدە، ئۇ ئەترەتنى ئۆز ئۆيى دەپ بىلىپ، ياشلىق باھارى ۋە ئىسسىق قېنى بىلەن ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ... ئۇ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، چارلاش ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش چوڭ ئەترىتىنىڭ چوڭ ئەترەت باشلىقى خې يۇڭجۈن.

خې يۇڭجۈن خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ھەر مىللەت ئاممىغا بولغان چوڭقۇر دوستلۇقى بىلەن، چارلاش ئالدىنى ئېلىش-تېزگىنلەش چوڭ ئەترىتىدىكى بارلىق خەلق (ياردەمچى)ساقچىلىرىنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» خىزمىتىگە پائال ئاتلىنىشقا يېتەكلەپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىي 52 نامرات ئائىلە، 137 نامرات ئوقۇغۇچىغا ياردەم قىلدى.

5-ئاينىڭ 23-كۈنى ئانىلار بايرىمى، خې يۇڭجۈن ئالايىتەن گۈلخانىغا بېرىپ، بىر دەستە كاڭنەيشىن سېتىۋالدى، بۇ گۈل سالامەت نىزام ئاپىنى يوقلاش ئۈچۈن تەييارلانغانىدى. 

ئوغلى خې يۇڭجۈننىڭ كەلمەكچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان سالامەت نىزام ئۆيىدىن بالدۇرلا چىقىپ، كوچا ئېغىزىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، «كەنجى ئوغلى»نىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى. 66 ياشلىق سالامەت نىزامنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى سەل چېكىنگەن بولسىمۇ، يىراقتىنلا خې يۇڭجۈننىڭ ئاپتوموبىلىنى تونۇۋالدى.

ئاپتوموبىل كوچا ئېغىزىغا كىرگەندىن كېيىن، سالامەت نىزام ھاياجانلىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ، قول پۇلاڭلاتقىنىچە ئاپتوموبىلغا قاراپ ماڭدى. خې يۇڭجۈن بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ دەرھال ئاپتوموبىلىنى توختىتىپ، تېز قەدەم بىلەن مېڭىپ سالامەت نىزامنى يۆلىۋالدى.

«ئوغلۇم، بىز تېخى يېقىندىلا كۆرۈشكەن بولساقمۇ، لېكىن سىزنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بولغاندەك ھېس قىلىپ قالدىما؟» خې يۇڭجۈن سالامەت نىزامنى يۆلەپ ئۆيگە ماڭغاچ، ئۆينىڭ يېقىنقى ئەھۋاللىرىنى سورىدى.

سالامەت نىزامنىڭ نەۋرىسى مەنزىرەم ئابدۇ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ۋاقتىدا، ئۆزىنىڭ گۇاڭدۇڭ جياڭمېن داشۆسىگە قوبۇل قىلىنغانلىق خەۋىرىنى بىرىنچى بولۇپ «خې دادا»سىغا ئېيتتى، خې يۇڭجۈن بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خۇددى ئۆز قىزى داشۆگە ئۆتكەنگە ئوخشاش ئىنتايىن خوش بولۇپ كەتتى. مەنزىرەم ئابدۇ پويىزغا چىققاندا، خې يۇڭجۈن ئۇنىڭغا 500 يۈەن بېرىپ، مەكتەپكە بېرىپ تىنچ ئامانلىق توغرىسىدا خەۋەر بېرىشنى، تاماقنى ۋاقتىدا يېيىشنى، ياخشى ئوقۇشنى، تۇرمۇش پۇلى يەتمەي قالسا تېلېفون بېرىشنى تاپىلىدى.

مەنزىرەم داشۆدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، خې يۇڭجۈن بوش ۋاقتى چىقسىلا مەنزىرەمگە تېلېفون بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆگىنىشى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سوراپ تۇردى؛ مەنزىرەم ئابدۇ كەيپىياتى ياخشى بولمىغان ياكى گاڭگىراپ قالغان ۋاقىتلىرىدا، دائىم بىرىنچى بولۇپ خې يۇڭجۈنگە تېلېفون قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم خې دادام بىلەن پاراڭلاشقاندىن كېيىن، كۆڭلۈم ئېچىلىپلا كېتىدۇ.

سالامەت نىزامغا ئوخشاش، زاھىدە ئابلىكىممۇ خې يۇڭجۈن بىلەن قوشماقلاشقان تۇغقان.

ئابدۇكېرىم ئابلىكىم خې يۇڭجۈننى كۆرۈپ باقمىغان، ئۇ مۇنداق دېدى: سىڭلىم زاھىدە بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان خې يۇڭجۈن ئوبدان ئادەم، ئۇ سىڭلىم بىر ئائىلە كىشىلىرىگە خۇددى ئۆز قېرىندىشىدەكلا ياردەم قىلىپ كەلدى.

«ئاكا، بۈگۈن خې ئاكىنى ئۆيگە تاماققا تەكلىپ قىلدىم، سىزمۇ كېلىڭ.» «بولىدۇ، مەن ھازىرلا باراي.» ئابدۇكېرىم ئابلىكىم تېلېفوننى قويۇپلا، دۇكىنىنى تاقاپ، خوتۇنىنى ئېلىپ سىڭلىسىنىڭ ئۆيىگە ماڭدى.

كەچلىك تاماقتا، كۆپچىلىك بىر يەرگە جەم بولۇپ، قېرىنداشلارچە مېھىر-مۇھەببەت ئىزھار قىلىپ، ئىتتىپاقلىق كۈيىنى ياڭراتتى، شاد-خوراملىق ئىچىدە مۇڭداشتى.

«خې ئاكا، سىڭلىم ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي كەلگەن ‹ياخشى ئاكا›نى كۆرۈشكە بۈگۈن نىسىپ قىپتۇ، سىڭلىمغا قىلغان ياردىمىڭىزگە رەھمەت، سىڭلىم بىلەن تۇغقان بولغان ئىكەنسىز، بىزمۇ تۇغقان بولايلى، ئۆمۈرلۈك قېرىنداشلاردىن بولايلى» دېدى ئابدۇكېرىم ئابلىكىم.

ماقالىنى غۇلجا ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەمىنلىگەن

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى