تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ گۇاڭجوۋدا تۇنجى مەيدان كۈزلۈك-قىشلىق ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ساۋ خۇا خەۋىرى، فوتوسى): 8-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى تەشكىللىگەن شىنجاڭ مەدەنىيەت ساياھىتى (گۇاڭجوۋ) تونۇشتۇرۇش يىغىنى گۇاڭجوۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭ ۋە گۇاڭدۇڭ ئىككى جايدىن كەلگەن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تارماقلىرى، مەدەنىيەت ساياھەت كارخانىلىرى، ساياھەت كەسپى جەمئىيىتىدىكى 400دىن ئارتۇق كىشى بىر يەرگە جەم بولدى. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى كۈزلۈك-قىشلىق ساياھەت بايلىقىنى بەس-بەستە تونۇشتۇرۇپ، ساياھەتتە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

     تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر شۇ جايدىكى مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى تونۇشتۇردى ھەمدە ئېسىل ساياھەت لىنىيەلىرىنى تەۋسىيە قىلدى، ساياھەتتتە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئېلان قىلدى. 

  شىنجاڭنىڭ ساياھەت كارخانىلىرى يەنە گۇاڭجوۋ، شېنجېننىڭ ساياھەت كارخانىلىرى بىلەن تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇنىڭدىن كېيىن ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش، سېتىش، كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، ساياھەت بايلىقىدىن ئورتاق پايدىلىنىپ، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئەۋزەللىكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىش، ساياھەتچىلەر مەنبەسىنى ئۆزئارا يەتكۈزۈش، داڭلىق ماركىلارنى ئورتاق بەرپا قىلىش، لىنىيەنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن ساياھەت ماركىسىنى تېخىمۇ ياخشى ياڭرىتىدۇ . 

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى