تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېزا خىزمىتى نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېزا خىزمىتى نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى»گە ئاساسەن بۇ نىزام تۈزۈلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىدە جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، چوڭ ۋەزىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، «بەشنى بىرگەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى باش تۇتقا قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تەشكىلىي سىستېمىسى، تۈزۈم سىستېمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، كەڭ دېھقانلارنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىدە جەزمەن تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش تەلەپ قىلىندى:

(1) پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىدە پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلىشى، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىسلاھاتى - تەرەققىياتىنىڭ توغرا يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛

(2) خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنى ۋە ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ماددىي مەنپەئىتى ۋە دېموكراتىك ھوقۇقىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ھىمايە قىلىش - قىلماسلىقى، قوللاش - قوللىماسلىقىنى پارتىيەنىڭ يېزا سىياسىتىنى تۈزۈشتىكى ئاساس قىلىش كېرەك؛

(3) يېزا ئاساسىي ئىگىلىك تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېزا سىياسىتىنىڭ ئۇل تېشىنى پۇختىلاش كېرەك؛

(4) جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى گۈللەندۈرۈش، تەشكىلاتنى گۈللەندۈرۈشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛

(5) دېھقانلارنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلار ئاممىسىنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېزىلاردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك؛

(6) ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، تەدرىجىي ئىلگىرىلەپ، مەجبۇرىي بۇيرۇق قىلماسلىق، بىر مەزگىللىكلا ھەرىكەت ئېلىپ بارماسلىق، بىر تاياقتا ھەيدىمەسلىك كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا يەنە تەشكىلىي رەھبەرلىك، ئاساسىي ۋەزىپە، قوشۇن قۇرۇلۇشى، كاپالەت تەدبىرى، باھالاپ تەكشۈرۈش - نازارەت قىلىش قاتارلىقلار توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.