تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

[مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش] قەلبداشلار باغچىسىدىكى ئىناقلىق

8-ئاينىڭ 28-كۈنى، يېڭىدىن قۇرۇلغان «قەلبداشلار ھويلىسى» كىچىك باغچىسىدا، ئولتۇراق رايوندىكى كىچىك دوستلار يېڭىدىن ئورنىتىلغان لىڭگىرتاقتاقنى ئوينىماقتا.

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لېي، جياڭ شىياۋ فوتوسى، خەۋىرى): بالىلار يېڭى ئورنىتىلغان لىڭگىرتاقتاقنى كۆڭۈللۈك ئويناۋاتاتتى، جىڭجۈ تىياتىرى ھەۋەسكارلىرى ئاۋاز مەشىقى قىلىۋاتاتتى. يەنە بىر مەيداندا، ئاھالىلەر شوخ مەشرەپكە چۈشكەن، ياشانغانلار دەرەخ ئاستىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىۋاتقان ئىدى... بۇ يېقىندا مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى لىجىڭ كوچىسى دۇڭخۇلىجىڭ ئولتۇراق رايونىدىكى «قەلبداشلارھويلىسى» كىچىك باغچىسىدا ئۇچراتقان كۆرۈنۈش.

بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ قۇرۇپ چىققان بۇ كىچىك باغچىنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 2500 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئەتراپىنى دەل-دەرەخلەر ئوراپ تۇرىدۇ، باغچا ئويۇن قويۇش رايونى، شاھمات ئويناش رايونى، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈسكۈنىلىرى رايونى ۋە مەيدان ئۇسسۇلى تەنھەرىكەت رايونىدىن ئىبارەت تۆت رايونغا ئايرىلغان.

ئاھالە ئايتۆرەم ئابدۇرۇسۇل مۇنداق دېدى: كونا ئولتۇراق رايوندا باغچە قۇرۇلۇپ، ئاھالىلەرنىڭ پائالىيەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىلدى، قوشنىلار ئۆيىدىن چىقىپلا بەدەن چېنىقتۇرۇپ، سەيلە قىلىپ، پاراڭلىشالايمىز.

باغ ئىچىدىكى دەل-دەرەخلەرگە «قەلبداشلار دەرىخى» دەپ تاختا ئېسىلغانىدى. بۇ يىل 78 ياشقا كىرگەن ئاھالە جاڭ يۈسۈي بىلەن قوشماقلاشقان تۇغقىنى ئادىل ياسىن بىرلىكتە بىر تۈپ ئۈجمە دەرىخىنى پەرۋىش قىلدى، ئانا-بالا ئىككىيلەن قەرەللىك كېلىپ ئۈجمە دەرىخىنى سۇغىرىپ تۇردى.

ئاھالە جاڭ يۈلىن ئادەتتە تەيجى گۇمپىسى، مەشرەپ ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ ئولتۇراق رايونغا كۆچۈپ كىرگەن بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا، ئۇ ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان 20 نەچچە دوست تۇتتى.

قوشنىلار ئارا ئالاقىنىڭ قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، كۆپچىلىك بىللە ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلاردىن بارا-بارا دېيىشمەيدىغان گېپى قالمايدىغان يېقىن دوست بولۇشتى، كىمنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق بولسا، ئۆز ئارا ياردەم قىلىشىپ، ئولتۇراق رايوندىكى ھەر مىللەت ئاھالىلەر ئوبدان چىقىشىپ ئۆتىدىغان ھالەت شەكىللەندى.

ئىگىلىنىشىچە، دۇڭخۇلىجىڭ ئولتۇراق رايونى 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ئەسلىدىكى ليۇداۋان كۆمۈر كېنىدىكلەرنىڭ تۇرمۇش رايونى ئىكەن. 2017-يىلى، لىجىڭ شىمالىي مەھەللىسى كونا بىنا رايونى ئۈرۈمچىدە تۇنجى تۈركۈمدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قورۇسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. بۇ يىل، شىمىگۇ رايونى ئولتۇراق رايوننىڭ كونا ئەسلىھەلىرىگە قارىتا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان ھەمدە يېڭىدىن باغچە ياسىغان.

لىجىڭ شىمالى مەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خالمۇرات خالدىن مۇنداق دېدى: بۇ كىچىك باغچىغا «قەلبداشلار ھويلىسى» دەپ ئىسىم قويۇشتا كەڭ ئاھالىلەرنىڭ پىكرىنى ئالدۇق، بۇنىڭدىن كېيىن ئاھالىلەر ياقتۇرىدىغان ھەرخىل ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، بۇ باغنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش سۇپىسىغا ئايلاندۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى