شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ شى): 8-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتى 2019-يىللىق بوئەي ئوقۇش ياردىمى ___ «قىزىل كىرېست ئالىي مەكتەپ ئارزۇيىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ» پائالىيىتىنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەر بىر ئادەمگە 5000 يۈەنلىك ئۆلچەم بىلەن، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار، ئەخلاق، ئۆگىنىش جەھەتلەردە نەتىجىسى ئەلا 38 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا جەمئىي 190 مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بەردى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئاساسلىقى كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن ئائىلىلەر، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچى ئائىلىلىرى، قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەر ئائىلىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش ئوبيېكتى قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەر قايسى رايون، ناھىيەلىرىدىكى قىزىل كىرېست جەمئىيىتى مەكتەپ، مەھەللە كومىتېتى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ، تاللىغان، قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ياردەم بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى قىزىل كىرېست جەمئىيىتى يولغا قويغان بوئەي ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتى تۇنجى قېتىم نامرات ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىشكە يۈزلەنگەن. بۇ پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى رايون، ناھىيەلىك قىزىل كىرېست جەمئىيەتلىرى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.