تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ساۋەن ئارشاڭ مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى


    تىيانشان تورى خەۋىرى ( مۇخبىرىمىز چېن چېن خەۋىرى): ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆچىرەتتە تۇرۇپ قېلىش ئەھۋالىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ساۋەن ناھىيەسى ئارشاڭ مەنزىرە رايونى ئىستىراھەت مېھمانسارىيى يېقىندا ئەسلىدىكى مىڭغا يېقىن كىيىم ئالماشتۇرۇش ئىشكاپى ئاساسىدا يەنە 420 كىيىم ئىشكاپى كۆپەيتتى.

    «بىز دائىم ساۋەنگە كېلىپ ئارشاڭغا چۈشىمىز، بۇ يەردىكى ئارشاڭ تەبىئىي بولۇپ، دائىم چۈشۈپ بەرگەندە سالامەتلىككە پايدىلىق. ئۇنىڭغا بۇ يەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى قوشۇلۇپ، ئارشاڭغا چۈشكەندىن كېيىن كىشى روھلۇق بولۇپ قالىدۇ» دېدى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىخەنزىدىن كەلگەن ساياھەتچى خې شىن.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ساۋەن ناھىيەسى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئارشاڭ مەنزىرە رايونىنى ئاچتى، مەنزىرە ئىستىراھەت رايونىنىڭ بىرىنچى قارارلىق تۈرى بۇلتۇر ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ياخشى سۇ سۈپىتى ۋە گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى. ساۋەن ناھىيەسى ئارشاڭ مەنزىرە رايونى ئىستىراھەت مېھمانسارىيى تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، ئىنچىكە نۇقتىلارغا كۈچ سەرپ قىلىپ، تازلىق ئۆيىگە ئىسسىق-سوغۇق سۇ، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، قول ئېيتىش قەغىزى، قولنى قۇرۇتۇش ماشىنىسى قاتارلىق بۇيۇم، ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇقلاپ، تازلىقچى خادىملار ھەر ۋاقىت تازىلاپ، پاكىز مۇھىتنى ساقلىدى.

    7-ئايدا، ئارشاڭ مەنزىرە رايونى ئىستىراھەت مېھمانسارىيى ئەسلىدىكى سىناپ كۆرۈش تۈرلىرى ئاساسىدا يېڭىدىن بالىلار سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ۋە دېڭىز-ئوكيان توپ كۆلچىكى قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى كۆپەيتتى، گەرچە تۈرلەر كۆپەيتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بېلەت باھاسى ئۆسمىدى. ھەر قېتىم ھېيت-بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، ئۈرۈمچى، قاراماي، شىخەنزە، سانجى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ كۆڭۈل ئاچىدۇ.

    ئىستېمالچىلارنىڭ تاماشا قىلىش، ئارشاڭغا چۈشۈش، ياتاقتا يېتىش قاتارلىق ئوخشىمىغان ئېھتىياجىنى يەنىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئارشاڭ مەنزىرە رايونى ئىستىراھەت مېھمانسارىيىنىڭ ئىككىنچى قارارى 9-ئاينىڭ بېشىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، يېڭىدىن 150 ئېغىز ئۆي كۆپەيتىلىدۇ، شۇ چاغدا، بۇ مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت بېسىق  مەزگىلىدە « ياتاق يېتىشمەسلىك»تەك ئەھۋالى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىدۇ.

    بۇنىڭدىن سىرت، ئارشاڭ مەنزىرە رايونى ئىستىراھەت مېھمانسارىيى ئارشاڭ سۈيىنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى باشتىن-ئاخىرى چىڭ تۇتۇپ، كۆلچەكنى كۈندە بىر تازلاپ بىر قېتىم دېزىنفېكسىيەلەش تۈزۈمىنى يولغا قويدى؛ ساپما كەش ۋە لۆڭگىنى بىر مېھمان ئىشلەتكەندىن كېيىن بىر ئالماشتۇرۇش، بىر مېھماننىڭكىنى بىر دېزىنفىكسىيەلەش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. «بىز تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، ئىنچىگە مۇلازىمەت بىلەن ھەر تەرەپتىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالىمىز» دېدى ئىستىراھەت مېھمانسارىيىنىڭ تىجارەت باش نازارەتچىسى جاڭ تەيچىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى