تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسىنى ئېلان قىلدى

چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى 9- ئاينىڭ 1- كۈنى نەشر قىلىنىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 17- سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى «چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلىنغان سۆز» ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيە بولۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى ۋەزىيەتتە، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاچقۇچ − بىرقانچە مۇناسىۋەتنى توغرا ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى تەڭ تۇتۇشتا، كەڭ كۆلەمدە ئاچماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات - يېڭىلىق يارىتىش، ئىستراتېگىيەلىك بىرتۇتاش پىلانلاش، يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنى دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان جەڭگىۋار قوشۇنغا ئايلاندۇرۇشتا.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋەزىيىتى ۋە ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش كېرەك. ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئالاقىدار تارماقلار ۋە دەريا بويىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەر نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش، تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىدا ئىزدىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق، خىرىس ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇنداق بىر قانچە مۇناسىۋەتنى توغرا ئىگىلەش زۆرۈر. بىرىنچى، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىش بىلەن مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىككىنچى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش بىلەن يېشىل تەرەققىياتنى ماس ئالغا سىلجىتىش يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش بىلەن بوشاشماي كۈرەش قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي بۇ ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تۈگىتىش بىلەن يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەپ، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بەشىنچى، ئۆز تەرەققىياتى بىلەن ماس تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەپ، تىرىشىپ چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورگانىك يۇغۇرۇلغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش خىزمەت سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار ۋە دەريا بويىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەرنى قوزغىتىپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، تۆمۈردە - تاشتا ئىز قالدۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇپ، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ياخشى يولغا قويۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى