شۈ چىڭگۇاڭ
8- ئاينىڭ 30- كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى»دە بىر خەۋەر بېسىلدى: ئونسۇ پاكلىق مەنزىرە رايونىنىڭ خىزمەتچىسى ئالتۇن تېپىۋالسىمۇ كۆز قىرىنى سالمىدى، يىتتۈرۈپ قويغۇچى چىن كۆڭلىدىن تەرىپلەپ: «ئاقسۇنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل ئىكەن، ئادەملىرى تېخىمۇ گۈزەل ئىكەن!»دېدى. گەرچە بۇ كىچىك ئىش بولسىمۇ شىنجاڭنىڭ ساياھەت تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ۋە زاپاس كۈچىنى نامايان قىلدى.
ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكىدە، شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن ئادەملىرىنىڭ گۈزەللىكى بىر - بىرىنى تولۇقلىغان دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ: مەنزىرە گۈزەللىكى جەھەتتە، ھەم ئىنتايىن گۈزەل تەبىئىي مەنزىرە، مەسىلەن ھەيۋەتلىك، ئاجايىپ ئېگىز تاغلار، ئويمانلىقلار، ئىپتىدائىي، سىرلىق چۆل - باياۋانلار بار؛ ھەم قويۇق ئادىمىيەت مەنزىرىسى، مەسىلەن ئۇزاق يىللىق مول يىپەك يولى مەدەنىيىتى، قويۇق ۋە رەڭدار مىللىي ئۆرپ - ئادەت بار. ئادەم گۈزەللىكى جەھەتتە، قىزغىنلىق، مېھماندوستلۇق، ساددىلىق، ئاق كۆڭۈللۈك شىنجاڭلىقلارنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكى، باشقىلار ئويلىغاننى ئويلاش، باشقىلار ئالدىرىغانغا ئالدىراش شىنجاڭلىقلارنىڭ مېھمان كۈتۈش پەزىلىتى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مەنزىرە گۈزەل، ئادەم گۈزەل بولۇش شىنجاڭنىڭ ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى، يارقىن ۋىۋىسكىسى، غايەت زور يوشۇرۇن كۈچى.
مەنزىرە گۈزەللىكى بىلەن ئادەم گۈزەللىكى ئۆزئارا ماسلاشقاندىلا ساياھەت تەرەققىياتى ئاندىن تېخىمۇ ماھىيەتلىك مەزمۇنغا ئىگە بولىدۇ، تېخىمۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە بولىدۇ، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولىدۇ. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا، شىنجاڭ ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ئەۋزەللىكىنى ياخشى قېزىپ، ياخشى بىرىكتۈرۈپ، ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» سۈپەتلىك ماركىسىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرغاندا، ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونىغا ئۆزگىرىشنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
(«سۆز ھەممىگە» ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)