تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئامېرىكا تەرەپنىڭ تاموژنا بېجى تەھدىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، ئۆزىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ

جۇڭ شېڭ

ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگوغا قاراتقان تاموژنا بېجى تەھدىتى زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ كۆڭلىدە بىر ھېسابات بار − ئامېرىكىنىڭ ئىستېمال بازىرىغا زەربە بولىدۇ، تەسىر دائىرىسى «ھەپتە ئاخىرىدا ئىچىدىغان ئېسىل پىۋا، چالىدىغان چالغۇدىن تارتىپ بالىلار ئوقۇيدىغان كىتابلار»غىچە كېڭىيىدۇ... بارلىق تەھلىللەرنىڭ ھەممىسى شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر بىمەنىلىك بىلەن «تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشنىڭ ئۈنۈمى غايەت زور» «ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرى تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشتا بىر تىيىنمۇ خەجلىمىدى» دەپ جۆيلۈپ، رېئاللىق تۇيغۇسىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قالدى. ئۇلار ئامېرىكىدىكى ھەر ساھەنىڭ تاموژنا بېجىنى خالىغانچە ئېلىشقا قارىتا بىر كۈچىيىپ بىر پەسىيىپ تۇرغان نارازىلىقى ۋە ئەيىبلەشلىرىنى ئوبدان ئاڭلاپ بېقىشى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدە كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىۋاتقان قارشىلىق ۋە ئاغرىنىشلارغا ئەستايىدىل يۈزلىنىشى كېرەك.

ئىقتىساد يەر شارىۋىلىشىۋاتقان دەۋردە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى تەھدىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى پۈتۈنلەي ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتىگە خىلاپ ئىدراكسىز قىلمىش بولۇپ، زىيان يەتكۈزىدىغىنى ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ مەنپەئىتى، ئەڭ ئاخىرىدا بەدەل تۆلەيدىغىنى ئامېرىكىدىكى ئاددىي ئىستېمالچىلار. جۇڭگو، ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئىتىمۇ شۇ سەۋەبتىن زىيانغا ئۇچرايدۇ.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقات خادىملىرى ئامېرىكا مېھنەتكەشلەر ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن، تاموژنا بېجىنىڭ ئۆرلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تەننەرخنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئامېرىكا ئىمپورت سودىگەرلىرى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى بايقىدى؛ مورگان ھەممىباب گۇرۇھىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۇڭگو تاۋارلىرىدىن ئەڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك تاموژنا بېجى ئالسا، ئامېرىكىدىكى ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى 1000 دوللار ئازىيىپ كېتىدۇ؛ ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى «سودا ھەمراھى»نىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ناۋادا ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىدىغان بارلىق تاۋارلىرىدىن %25 تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئالىدىغان بولسا، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنىدىن 2 مىليون 160 مىڭى ئازىيىپ كېتىدىكەن. ئامېرىكا كارخانىلىرى ۋە ئامېرىكا خەلقى شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتىكى، ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، سودا سۈركىلىشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، پەقەت ئامېرىكا تەرەپتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ شەخسىي مەنپەئەتنى دەپ كۆز بويامچىلىق قىلىش ھىيلىسى بولۇپ، ئاقىۋەتتە ئامېرىكا ئىقتىسادىنى پەسكويغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، خالاس.

ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر يېقىندا «جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» دەپ جۆيلۈۋاتىدۇ، لېكىن سەگەك كىشىلەر تەھلىل قىلىپ: جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈش ئامېرىكىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشىدىن دېرەك بېرىدۇ، دېيىشتى. ئامېرىكا «دىپلوماتىيە سىياسىتى» قوش ئايلىق ژۇرنىلى تور بېكىتى ماقالە ئېلان قىلىپ: جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش، پەقەت ئامېرىكىنىڭ يەر شارى ئىقتىسادى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتىدۇ، دەپ ھۆكۈم چىقاردى. «ۋال كوچىسى گېزىتى» 8- ئايدا ئىككى قېتىم «ناۋارونىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشى» دېگەن تېمىدا باش ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئاقساراي دۆلەت سودا كومىتېتىنىڭ مۇدىرى پېتېر ناۋارو ۋەكىللىكىدىكى ۋاشىنگتون تەدبىر بەلگىلەش چەمبىرىكىدىكى ئۇچىغا چىققان جاھىل كىشىلەرنىڭ تەشەببۇسىنى تەنقىد قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتى ھەمدە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئېنىقسىزلىق ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ، ھەتتا زاۋاللىق گىردابىغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى. شەرق كاپىتال تەتقىقات مۇدىرىيىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئاندىرو كولېر دەل جايىغا تەگكۈزۈپ مۇنداق كۆرسەتتى: تاموژنا بېجىنى خالىغانچە قوشۇپ ئېلىش «جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بوغۇزىغا تىرەلگەن ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ بوغۇزىغا تىرەلگەن ئۆتكۈر شەمشەردۇر».

سودا ئۇرۇشىدا يەڭگۈچى يوق. ئامېرىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك ساھەلەر، كارخانىلار ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجىنى خالىغانچە قوشۇپ ئېلىشىغا بولغان ئاغرىق تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان رېئاللىق ئالدىدا، ئامېرىكا تەرەپتىكى بىر قىسىم كىشىلەر يەنىلا تاموژنا بېجى كالتىكىنى داۋاملىق ئوينىتىۋاتىدۇ، ئەجەبا ئۇلار ئامېرىكىدىكى ئىستېمالچىلار ۋە ئالاقىدار كارخانىلار، كەسىپلەر تارتقان زىيان ۋە ئۇچرىغان زىيانكەشلىك يەتكۈدەك زور بولمىدى دەپ ئەنسىرەمدىغاندۇ؟

(2019- يىلى 8- ئاينىڭ 29- كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش