تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرت بىلەن كۆرۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ليۇ خۇا) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8- ئاينىڭ 29- كۈنى كەچتە دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرت بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ دۇتېرت زۇڭتۇڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى ھەم 2019- يىللىق خەلقئارا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى كۆرۈشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىز ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو - فىلىپپىن مۇناسىۋىتىدە ئەسلىگە كېلىش، مۇستەھكەملىنىش، يۈكسىلىش ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئۈزلۈكسىز پۇختا نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ھازىر، خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىۋاتىدۇ، ئەمما تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش يەنىلا توسۇۋالغىلى بولمايدىغان دەۋر ئېقىمى. مەن سىز بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن ۋاقىت ۋە ۋەزىيەتنى ياخشى ئىگىلەشنى، جۇڭگو - فىلىپپىن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى باشلامچىلىق قىلىشنى خالايمەن، بۇ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ فىلىپپىن تەرەپنىڭ «چوڭ قۇرۇش، ئالاھىدە قۇرۇش» يىرىك پىلانى بىلەن ئۇدۇللىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، سانائەت باغچە رايونى، تېلېگراف، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇھىم، زور ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ فىلىپپىننىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مېۋە - چېۋىلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى خالايدۇ، مۇتەخەسسىسلەرنى فىلىپپىنغا دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق تېخنىكىلىرىنى ئۆگىتىشكە ئەۋەتىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەردە، جۇڭگو تەرەپ فىلىپپىن تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو - فىلىپپىن ئىزچىل نەنخەي دېڭىزى مەسىلىسىدە ئۈنۈملۈك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ساقلىدى. ئىككى تەرەپ تالاش - تارتىشنى قويۇپ تۇرۇپ، سىرتقى كاشىلىلارنى تۈگىتىپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەمكارلىشىپ، ئەمەلىي ئىش بېجىرىپ، تەرەققىياتنى كۆزلىشى كېرەك. پەقەت ئىككى تەرەپ بۇ مەسىلىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلغاندىلا، جۇڭگو - فىلىپپىن مۇناسىۋىتىدە كەيپىيات ياخشى بولىدۇ، ئاساسى مۇقىم بولىدۇ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىمۇ بىر مۇھىم كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. ئىككى تەرەپ دېڭىزدا نېفىت، تەبىئىي گازنى ئورتاق ئېچىش جەھەتتىكى قەدەمنى تېخىمۇ چوڭراق ئالسا بولىدۇ. «نەنخەي دېڭىزى ھەرىكەت ئۆلچىمى» نەنخەي دېڭىزى ئۈچۈن قائىدە - تۈزۈم تۇرغۇزۇشتىكى ئىجادىيەت بولۇپ، ئىككى تەرەپ «ئۆلچەم»نى بالدۇرراق تۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگو - فىلىپپىننىڭ رايوننىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئورتاق قوغداشتىن ئىبارەت قەتئىي مەيدانى ۋە ئاكتىپ ھالىتىنى نامايان قىلىشى كېرەك.

دۇتېرت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنىڭ فىلىپپىننىڭ ئۆگىنىشىگە، ئۆرنەك ئېلىشىغا ئەرزىيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بولغان يېقىن دوستلۇقنى قەدىرلەيمەن. جۇڭگو فىلىپپىن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، فىلىپپىن - جۇڭگو مۇناسىۋىتى يۈز يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن دائىم كۆرۈشۈپ تۇرۇشنى، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى سىجىل زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايمەن. فىلىپپىن تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ فىلىپپىننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ فىلىپپىننى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈزبەرگەن رايوننى قايتا قۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، زەھەر چەكلەش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو فىلىپپىننىڭ سەمىمىي دوستى. شياڭگاڭ مەسىلىسىدە، فىلىپپىن جۇڭگونىڭ قانۇنىغا ھەمدە قانۇن بويىچە قانۇنچىللىقنى قوغداش ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىدۇ.

دۇتېرت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن ھەمكارلىشىدىغان، قارشىلاشمايدىغان ئۇسۇلنى تاللاش ئارقىلىق نەنخەي دېڭىزى تالاش - تارتىشىنى تىنچ ھەل قىلىشنى، رايوننىڭ دوستانە ھەمكارلىقى، تىنچ، مۇقىم چوڭ ۋەزىيىتىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىمەن، بۇ مۇشۇ رايوندىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. فىلىپپىن تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن دېڭىزدا نېفىت، تەبىئىي گازنى ئورتاق ئېچىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. فىلىپپىن ھازىرقى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى − جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرغۇچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ «نەنخەي دېڭىزى ھەرىكەت ئۆلچىمى»نى بالدۇرراق تۈزۈشىگە تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئالماشتۇرۇش مۇراسىمىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى. ئىككى تەرەپ يەنە نېفىت، تەبىئىي گاز ھەمكارلىقى ھۆكۈمەتلەر ئارا بىرلەشمە يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ۋە كارخانىلار ئارا خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئورتاق ئېچىشتا ماھىيەتلىك ئىگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.