تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«شى جىنپىڭنىڭ <ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى 2- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا ماسلىشىش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى، مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى بىرلىشىپ «شى جىنپىڭنىڭ <ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۈزۈندىلەر» دېيىلدى) ناملىق كىتابنى تۈزدى، مەركىزىي ھۆججەت نەشرىياتى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئوقۇشلۇقى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، شۇ كۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

«ئۈزۈندىلەر»نىڭ مەزمۇنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2012- يىلى 11- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 2019- يىلى 7- ئاينىڭ 16- كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى سۆزلىرى، دوكلاتلىرى، ماقالىلىرى، يوليورۇقلىرى، تەستىقىي يوليورۇقلىرى قاتارلىق 130 نەچچە پارچە مۇھىم ھۆججەتتىن ئېلىنغان بولۇپ، ئون مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن، جەمئىي 362 ئابزاس بايان بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى قىسمەن بايانلار بىرىنچى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى. مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئۈزۈندىلەر» «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى ئاساسلىق دەرسلىك ماتېرىيال، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالاقىدار بايانلىرىنى ئۆگىنىشتىكى مۇھىم ئوقۇشلۇق. «ئۈزۈندىلەر»نى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۆگىنىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.