تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

چەرچەن ناھىيەسى: قارا توخۇ چۈجىسى كىرىمنى كۆپەيتىپ، چوڭ ئىگىلىككە تۈرتكە بولدى

   يېزا - بازارلىق چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق پونكىتىنىڭ تېخنىكلىرى كەنت ئاھالىلىرىگە باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى چۈشەندۈرمەكتە.

  تىيانشان تورى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رىزۋانگۈل، ياڭ لىجۈن، لى پېڭيەن) «كاتەكنى دېزىنفېكسىيە قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك، بىر ئايدا بىر قېتىم، ئەگەر شارائىت يار بەرسە، بىر ھەپتىدە بىر قېتىم دېزىنفېكسىيەلىسىمۇ بولىدۇ.» يېقىندا، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چەرچەن ناھىيەسى باغئېرىق يېزىسى چىگىقاش كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇرسۇن سەيدىنىڭ باقمىچىلىق ئورمان بەلبېغىدا، يېزىلىق چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق پونكىتىنىڭ تېخنىكلىرى ئورمان باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرغان دېھقانلارغا توخۇ بېقىش تېخنىكىسىنى چۈشەندۈرمەكتە.

  چەرچەن ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش ئىشخانىسىنىڭ باغئېرىق يېزىسى چىگىقاش كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ يوقلاش جەريانىدا، چىگىقاش كەنتىدىكى بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كەنت - گۇرۇپپا يوللىرىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى ئورمان بەلبېغىدىن پايدىلىنىپ، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى، بۇنداق باقمىچىلىق ئەندىزىسىنىڭ تەننەرخى بىر قەدەر تۆۋەن، بېقىلغان ئۆي قۇشلىرىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى چىرايلىق، گۆشى مەززىلىك، ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى. خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت» ى كۆپ تەرەپلىمە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ئورمان باقمىچىلىقىنى ئەسلىدىكى ئەندىزە ئاساسىدا يەنىمۇ كېڭەيتىشنى قارار قىلدى. بۇ يىل 7- ئايدا، خىزمەت ئەترىتى تاماكا شىركىتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس تۈر مەبلىغىدىن 50 مىڭ يۈەننى پائال ماسلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ تۈەن  - مەيدانىدىن تۇنجى تۈركۈمدە نىيە قارا توخۇ چۈجىسىدىن 2201 نى كىرگۈزۈپ، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان 71 نامرات ئائىلىگە ھەقسىز تارقىتىپ بەردى.

  خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى يوقلاش جەريانىدا بەزىلىرىنىڭ تېز پايدا ئېلىش ئۈچۈن، چۈجىلەرنى چوڭ بولمايلا سېتىۋەتكەچكە، ئىقتىسادىي پايدا قىممىتىنىڭ زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى. «كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىتىش ئۈچۈن، چوقۇم ئايلانما ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇلارنى سىجىل كىرىم مەنبەسىگە ئىگە قىلىش كېرەك.» دېدى كەنتنىڭ 1 - شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جاڭ چۈنفېڭ «بىر يىغىن تۈزۈم» ىدە تەھلىل قىلىپ. خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت» ى بىلەن بازار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرىنى يەرلىك تۇخۇم سېتىش ئارقىلىق، ئايلانما باقمىچىلىق ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكلەشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىكرو بىلوگ، QQ توپى، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى قاتارلىق تور سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ، سېتىش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە خېرىدار تېپىپ بەردى.

  ئىگىلىنىشىچە، خىزمەت ئەترىتى كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، كەنتتىكى ھەر بىر ئائىلىگە ئۈزۈم بارىڭى ياساپ بېرىپ، 20 تۈپ ئۈزۈم تىككەن؛ 80 توخۇ كاتىكى، 80 ئەگمە لاپاس ياسىغان؛ دېھقانلارنى ياڭاق ئۆستۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، يېتەكلەپ، 670 تۈپتىن ئارتۇق ياڭاق كۆچىتى تارقاتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : 古丽波斯坦·吾拉木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش