تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

جېجياڭلىق 12 ياشلىق بالىنىڭ شىنجاڭ ساياھىتى

 

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز فېي شۈەن خەۋىرى، سۈرەتنى زىيارەت قىلغۇچى تەمىنلىگەن) 8- ئاينىڭ 29- كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسى ۋېنجوۋ شەھىرى پىڭياڭ سۇبۇچىڭ مەكتىپى كۈنياۋ مەكتەپ رايونىدا، 12 ياشلىق باۋ شۇەنيۈ پات ئارىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تۇرمۇشىنى كۈتۈۋالىدۇ، ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن يازلىق تەتىلدە، ئۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن شىنجاڭغا كېلىپ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلدى، ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن ئۇ ئەڭ ئاخىرقى تەتىل كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ، 11 پارچە 20 مىڭ خەتكە يېقىن «شىنجاڭ خاتىرىسى» يېزىپ، بۇ تەتىلنى ئاخىرلاشتۇردى. «گەرچە ۋىنجوۋغا قايتىپ كەلگىنىمگە 20 كۈندىن ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما مەن ئۆزۈمنى يەنىلا شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن، ئاشۇ گۈزەل مەنزىرىلەر ۋە قىزغىن، مېھماندوست تاغا-ھەدىلەرنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئەسلىمىلىرىم بولۇپ قالدى.» باۋ شۈەنيۈ تېلېفوندا كۈلۈپ تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ساياھەت كەچۈرمىشى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى.

  بىر ئائىلىدىكى ئۈچەيلەن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ شىنجاڭدا ساياھەت قىلىپ، 11 كۈندە شىمالىي شىنجاڭ ئايلانما لىنىيە ساياھىتىنى تاماملىدى.

  باۋ شۈەنيۈ ئائىلىسىگە نىسبەتەن، ساياھەت ھەر يىللىق «زۆرۈر دەرسلىك» ھېسابلىنىدۇ. «شىنجاڭ بىزنىڭ ئىزچىل بارماقچى بولغان جايىمىز، بۇ يىل بالىمىز ئىمتىھان بېرىشتىن ئىلگىرى بۇ ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىز ئۇ يازلىق تەتىلگە چىقىشتىن بىر ئاي ئىلگىرىلا پىلانلاشنى باشلىدۇق» دېدى باۋ شۈەنيۈنىڭ ئاپىسى ماۋ يەنيەن.

  ئۆتكەن يىللاردىكى تەتىل مەزگىلىدە، باۋ شۈەنيۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا سىچۇەن، شەندۇڭ، شەنشى، گەنسۇ قاتارلىق جايلارغا باردى، ئەمما شىنجاڭغا ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم كېلىشى ئىدى، باۋ شۈەنيۈ كېلىشتىن ئىلگىرىكى ھېسسىياتىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «بىر ئاز ھاياجانلاندىم. شىنجاڭغا ئالاقىدار بىلمنىڭ ھەممىسىنى كىتابتىن ئىگىلىگەن، قۇملۇق، يايلاقلار مېنى خىيالى دۇنياغا ئېلىپ كىردى.»

  7- ئاينىڭ 26- كۈنى سەھەردە، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئەسلى بېكىتىلگەن پىلان بويىچە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى، دەم ئېلىۋالغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى. « بىر شەھەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن، چوقۇم ئالدى بىلەن شۇ شەھەرنىڭ مۇزېيىغا بېرىش كېرەك، مۇزېي ماڭا شىنجاڭنىڭ ئىلگىرىكى تارىخىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈپ، نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتتى»دېدى باۋ شۈەنيۈ.

  شىنجاڭدىكى 11 كۈندە، باۋ شۈەنيۈ بىر ئائىلىلىك ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىپ ئۆزلىرى ھەيدەپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنى تۇنجى بېكەت قىلىپ، ئالدى-كەينى بولۇپ، قاناس مەنزىرە رايونى، سايرام كۆلى، قورغاس پورتى، بايىنبۇلاق يايلىقى، چورما ئىنقىلابىي قەھرىمانلار قەبرىستانلىقى قاتارلىق جايلاردا سەيلە ساياھەت قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچى شەھىرىگە قايتىپ كەلدى. «گەرچە يول ئۇزۇن بولسىمۇ، ئەمما بىز ئازراقمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلمىدۇق، مەنزىرىسى ھەقىقەتەن بەك گۈزەل ئىكەن» دېدى ماۋ يەنيەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى