تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

مەكتەپتىكى رەڭدار تۇرمۇش باشلاندى

8- ئاينىڭ 29- كۈنى، 1- يىللىقنىڭ يېڭى ئوقۇغۇچىسى شۈ جياجېن (سولدا) بىلەن ۋاڭ چى دەرس ئارىلىقىدا قەغەز ئايروپىلان ياسىماقتا.

  چاڭچۈن شەھىرىدىكى جىلىن ئۆلكىلىك يېتىم بالىلار مەكتىپىنىڭ 1- يىللىق يېڭى ئوقۇغۇچىلار سىنىپىدا، 14 كىچىك دوست بىرلىكتە رەڭدار مەكتەپ تۇرمۇشىنى باشلىدى. ئوقۇش باشلاپ ئۈچ كۈن ئىچىدە بالىلار ئۆز ئارا تونۇشۇپ، يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدە، بۇ مەكتەپ جەمئىي 76 يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان، 1 - يىللىققا يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار يېشى كىچىك، مەكتەپكە يېڭى كېلىشى بولغاچقا، مەكتەپ ئۇلارغا تاماق يېيىش ۋە ياتاقتا يېتىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېقىندىن ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ چوڭ ئائىلىگە تېزراق سىڭىپ كىرىشىگە قولايلىق ياراتقان. جىلىن ئۆلكىلىك يېتىم بالىلار مەكتىپى 1956- يىلى قۇرۇلغان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، نەچچە مىڭ يېتىم بالا بۇ يەردە ئۆسۈپ يېتىلىپ جەمئىيەتكە قەدەم قويغان.

8- ئاينىڭ 29- كۈنى، 1- يىللىقتىكى يېڭى ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

8- ئاينىڭ 29- كۈنى، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى سۇڭ ياڭ (ئوڭدا) 1- يىللىقتىكى يېڭى ئوقۇغۇچىلار سىنىپىنى تەنتەربىيە زالىغا باشلاپ ماڭدى.

8- ئاينىڭ 29- كۈنى، 1- يىللىقتىكى يېڭى ئوقۇغۇچىلار دەرس ئارىلىقىدا گىمناستىكا ئوينىماقتا.

8- ئاينىڭ 29- كۈنى، 1- يىللىقتىكى يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىدا تاماق يېمەكتە.

8- ئاينىڭ 29- كۈنى، 1- يىللىقتىكى يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئەدەبىيات دەرسى ئاڭلىماقتا.

8- ئاينىڭ 29- كۈنى، 1- يىللىقتىكى يېڭى ئوقۇغۇچى ليۇ يۈلىن دەرس ۋاقتىدا ئۈنلۈك ئوقۇماقتا.

8- ئاينىڭ 29- كۈنى، 1- يىللىقتىكى يېڭى ئوقۇغۇچىلار تەنتەربىيە دەرسىدە يۈجيا توپى ئوينىماقتا. مۇخبىر لىن خۇڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى