تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭدىكى تۇنجى مۇزىكا تاشيولى مورى ناھىيەسى ماچۈەنۋەن مەنزىرە رايونىدا نامايان بولدى

 

 مورى ناھىيەسى ماچۈەنۋەن مەنزىرە رايونى مەركەزلىك رايونىدىكى مۇزىكا تاشيولى. (سۈرەتنى مورى ناھىيەلىك قاتناش - تىرانسپورت ئىدارىسى تەمىنلىگەن)

     ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما تىڭ): ئاڭلاڭ! بۇ يەردە «ناخشا ئېيتالايدىغان» تاشيول بار. شىنجاڭدىكى  تۇنجى مۇزىكىلىق تاشيول يېقىندا مورى ناھىيەسى ماچۈەنۋەن مەنزىرە رايونىدا نامايان بولدى، ئاپتوموبىل تاشيولدا كېتىۋاتقاندا، بالون بىلەن يول يۈزىنىڭ سۈركىلىشىدىن «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق گۈزەل مېلودىيە «ئورۇندىلىدۇ» .

  ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 365 مېتىر كېلىدىغان بۇ يول، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مورى ناھىيەسى ماچۈەنۋەن مەنزىرە رايونىنىڭ مەركەزلىك رايونىغا جايلاشقان، مۇزىكا «چالالايدىغان» يول بۆلىكى يۇقىرىغا سوزۇلغان لىنىيەدە بولۇپ، يول ئۇلىنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن ئۈچ مېتىر، يول يۈزىنىڭ رەڭگى  ئوتتۇرىسى قىزغۇچ سېرىق، ئىككى يېنى يېشىل تىك سىزىقلاردىن تەركىب تاپقان .

  8- ئاينىڭ 27- كۈنى، مۇخبىرنىڭ مورى ناھىيەلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ مۇزىكا تاشيولى بۇ مەنزىرە رايونىنىڭ 13 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يانداش تاغ ساياھەت تاشيولىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، مەنزىرە رايونىنىڭ مەركىزىدىكى بىر قەدەر تۈز، تەكشى بولغان يول بۆلىكىدە تەسىس قىلىنغان، ئەتراپىدا ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، چارۋىچىلىق فېرمىسى ئۆتىڭى، ئاممىۋى تازىلىق ئۆيى قاتارلىق ساياھەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى بار ئىكەن.

  « بۇ يولدا ماڭغاندا سائىتىگە 40 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ماڭساقلا، مۇزىكا ئاۋازى ياڭرايدۇ.» مورى ناھىيەلىك قاتناش ـ تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خەن كەيگاڭ مۇنداق دېدى: يولنىڭ پىرىنسىپى بولسا يول يۈزىگە ئۇيۇپ چىقىرىلغان ئېرىقچە بىلەن بالون سۈركىلىپ ئاۋاز ھاسىل قىلىپ، قانۇنىيەتلىك نوتا ھاسىل قىلىشىدىن ئىبارەت.

  خەن كەيگاڭنىڭ دېيىشىچە، بۇلتۇر 12- ئايدا ئۇلار قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن چەت ئەلدىكى ئالاقىدار تېخنىكا ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، نوتىغا ئاساسەن قېلىپ ياساپ چىققان، قايتا - قايتا سىناق قىلىش ئارقىلىق، بۇ يىل 6- ئايدىن باشلاپ ئىش باشلىنىپ، 8- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.

  بۇ تاشيول «مۇزىكا چېلىپ»، شوپۇرلارنىڭ چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدىكەن. ئېرىقچە يەر يۈزى بىلەن بالون ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ياز پەسلىدە يامغۇر سۈيىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق بىخەتەر يول ئىكەن.

خەن كەيگاڭ مۇنداق دېدى: بۇ تاشيول شىنجاڭدىكى تۇنجى مۇزىكا تاشيولى بولۇپلا قالماي، غەربىي شىمال رايونىدىكى تۇنجى مۇزىكا تاشيولى ھېسابلىنىدۇ. مۇزىكا تاشيولى قاتنىغاندىن بۇيان، نۇرغۇن كىشىلەر داڭقىنى ئاڭلاپ كەلدى، مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سانى كۆپەيدى، ئوتتۇرىچە كۈنلۈك ساياھەتچى 3000دىن ئاشتى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغان ئاپتوموبىللار ئەسلىدىكى كۈنىگە 100دىن كۆپىيىپ ھازىر 800دىن ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى