تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

يېتىلىش كېيىن بولسا، ئاسانلا سۆڭەك شالاڭلىشىش، سۆڭەك سۇنۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن

      ئەنگلىيە برىستو داشۆسىدىكى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئالىمى 15 يىل ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، سۆڭەكنىڭ زىچلىق دەرىجىسىنىڭ بالىلارنىڭ بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىگە كىرىش ۋاقتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان .

      تەتقىقاتچىلار 10 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان 6389 نەپەر سىناققا قاتناشقۇچىنى تاللاپ، ئۇلارنىڭ سۆڭىكىنى ئالتە قېتىم سىكاننېرلىغان. بۇ تەتقىقاتنىڭ مەقسىتى بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىش ۋاقتىنىڭ پۈتكۈل بالاغەتكە يېتىش مەزگىلى ۋە قۇرامىغا يېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى سۆڭەك زىچلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ياكى كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرۈش ئىكەن. تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە يېتىلىشى كېيىنرەك بولغان ياش-ئۆسمۈرلەر بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىگە كىرگەندىن كېيىن سۆڭەك زىچلىقى مەلۇم دەرىجىدە ئوخشاش ياشتىكىلەرگە يېتىشىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىنكى خېلى ئۇزاق بىر مەزگىل ئىچىدە، سۆڭەك زىچلىقى يەنىلا ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن تۆۋەن بولىدىكەن .

  تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بالاغەتكە يېتىش مەزگىلى ئاخىرلاشقان چاغدىكى سۆڭەك مىقدارىنىڭ چوققا قىممىتى سۆڭەك سۇنۇش ۋە سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەۋپ - خەتىرىنىڭ بىرى دەپ قارالغان. شۇڭا، يېتىلىشى كېيىنرەك بولغان بالىلارنىڭ سۆڭىكى ئاجىزراق بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، ئۇلار يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ سۆڭەك شالاڭلىشىش، سۆڭەك سۇنۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىكەن. شۇڭا، بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىگە كىرگەن ۋاقتى ئوخشاش ياشتىكىلەردىن كېيىنرەك بولغان بالىلارغا ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، سۆڭەكنىڭ كۈچى ۋە سۈپىتىنى ئاشۇرۇشى كېرەك ئىكەن. بۇ يېڭى بايقاش كىشىلەرنىڭ سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنىڭ كېسەللىك سەۋەبىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان. ( گو لياڭ)

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى