تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى يەتتە ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى %13.3 ئاشتى

پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 9.1 پىرسەنت پوئېنتلىق ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى يەتتە ئايدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 76 مىليارد 80 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولۇپ، 2018- يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.3 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 9.1 پىرسەنت پوئېنتلىق ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولغان.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئېكسپورتى 54 مىليارد 530 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.3 ئاشتى؛ ئىمپورت 21 مىليارد 550 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %61.5 ئاشتى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئايلىق ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتىدە 3 - ئايدىن باشلاپ ئۇدا بەش ئاي ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 7- ئايدىلا ئىمپورت - ئېكسپورت 13 مىليارد 620 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.6 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىمپورت 4 مىليارد 230 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %87.7 ئېشىپ، 2017- يىلىدىن بۇيانقى ئايلىق ئىمپورتتا يېڭى رېكورت يارىتىلدى.

ئۈرۈمچى تاموژنىسى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، ئالدىنقى يەتتە ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك سودا شەكلىدە ئوخشاشلا بىرقەدەر زور ئېشىش بولغان. چېگرا ئاز سوممىلىق سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 44 مىليارد 110 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.5 ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %58ىنى ئىگىلىگەن؛ ئادەتتىكى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 27 مىليارد 640 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.8 ئاشقان. تاموژنا ئالاھىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رايونى ئەشيا ئوبوروتى ماللىرىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 2 مىليارد 610 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %130 ئاشقان؛ باجدىن خالىي نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدىغان سورۇنلاردىكى چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان - چىقىرىلىدىغان ماللارنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 790 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.2 ئاشقان.

دۆلەت پەرقىدىن قارىغاندا، قازاقىستان جۇڭگو شىنجاڭنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھىلىق ئورنىنى داۋاملىق مۇقىم ساقلاپ كەلگەن، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورتىنىڭ ئېشىش يۈزلىنىشى كۆرۈنەرلىك بولغان. ئالدىنقى يەتتە ئايدا، قازاقىستان بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت 34 مىليارد 830 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.2 ئاشقان؛ قىرغىزىستان بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت 10 مىليارد 670 مىليون يۈەن بولغان؛ رۇسىيە بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت 5 مىليارد 410 مىليون يۈەن بولغان. ئوخشاش مەزگىلدە، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئاۋسترالىيە، ئارگېنتىنا، جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورتىنىڭ ئېشىش يۈزلىنىشى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، سودا ئوبيېكتى كۆپ مەنبەلىشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن.

ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، ئالدىنقى يەتتە ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودىدا تەكشى، مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىشى ئىچكى - تاشقى ئامىللارنىڭ ئۇنىۋېرسال تەسىرىدىن بولغان. دۆلەت ئىچىدىن قارىغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ خەلق ئىگىلىكىمۇ تەكشى، مۇقىم ئايلانغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تىرەك بولغان. خەلقئارادىن قارىغاندا، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئاساسلىق سودا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى تەكشى، مۇقىم ئاشقان، تاشقى مۇھىت تاشقى سودىنىڭ ئېشىشىغا پايدىلىق بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى