تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

سودا زومىگەرلىكى دۇنيا ئىقتىسادىنى خەتەرلىك ئەھۋالغا سۆرەپ كىرىدۇ

جۇڭ شېڭ

ئامېرىكا تەرەپ يېقىندا جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىدىغان تاۋارلىرىدىن قوشۇپ ئالىدىغان تاموژنا بېجى نىسبىتىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆزىنىڭ سودا زومىگەرلىك ماھىيىتىنى ئاشكارىلىدى. پۈتۈن يەر شارى مىقياسىنى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغان تەشۋىشلىنىش كەيپىياتى قاپلىدى: مورگان سىتانلى شىركىتى ئانالىز قىلىپ، ئامېرىكا تاموژنا بېجىنى %25كە ئۆستۈرسىلا، پۈتۈن يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى تامامەن %2.5تىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ قويىدۇ، دەپ كۆرسەتتى؛ بېلگىيە جۇڭگو ئىقتىساد - سودا كومىتېتىنىڭ رەئىسى دېۋېت ئامېرىكىنىڭ «تاموژنا بېجىنى قوراللاشتۇرۇش» سىياسىتى يەر شارىۋى سودا توسۇقىنى كۆپەيتىپ، سودا سوممىسىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، يەنە سەلبىي ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈم ئېففېكتى پەيدا قىلىپ، يامان خاراكتېرلىك رىقابەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاخىرىدا يەر شارىۋى ئىقتىسادنى پاتقاققا سۆرەپ كىرىدۇ، دەپ قارىدى.

ئامېرىكا تەرەپتىكى بىر قىسىم كىشىلەر كۆپ تەرەپلىك سودا قائىدىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرىدا داۋالغۇش پەيدا قىلىپ، خەلقئارا سودا ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا پۇتلىكاشاڭ بولۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزبېشىمچىلىقى ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىش ئېقىمىغا قارشى ھەرىكەت قىلغانلىق، بازار رىقابىتى پىرىنسىپىغا زىت يول تۇتقانلىق بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش خەۋپ - خەتىرىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇۋەتتى. ئۆزئارا سىڭىشكەن، بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان دۇنيا ئىقتىسادىي كەسىپ ئەندىزىسىدە قورۇقچىلىق، بىر تەرەپچىللىك بىلەن سۈنئىي ئۇسۇلدا ئالاقىنى ئۈزۈپ تاشلاش ۋە قارشىلىشىش پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇش رېئاللىققا زىت، شۇنداقلا ئاقمايدۇ. ئامېرىكا «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە مۇنداق ئەمەلىي مىسال كەلتۈرۈلگەن − «ئالما شىركىتى يېقىندا تېكساس ئىشتاتىدا ئاز مىقداردا يۇقىرى دەرىجىلىك كومپيۇتېر ئىشلەپچىقارماقچى بولغان، لېكىن ئامېرىكىدىن بارلىق تىپتىكى ۋىنتا بىلەن تەمىنلەيدىغان تەمىنلەش سودىگىرىنى تاپالمىغان».

بارغانسېرى كۆپ بىلىملىك زات تەكىتلەپ ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قىلچىمۇ ھەققانىيەت تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولمىغان ئەقىلسىزلىق قىلمىشى بازار ئىشەنچىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، يەر شارىۋى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا داۋالغۇش پەيدا قىلدى، دېدى. دۇنيا بانكىسى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا ئاپپاراتلار قايتا - قايتا ئاگاھلاندۇرۇپ ئەگەر سودا ئۇرۇشى سىجىل كۈچەيسە، يەر شارىۋى ئىقتىسادقا تېخىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، دېدى. يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى بىردەك ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىنى قوزغىغانلىقىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى؛ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسىك ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئامېرىكا بىلەن باشقا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان سودا جىددىيچىلىكى مۇناسىۋىتى دۇنيانى چېكىنىشكە سۆرەپ كىرىشى مۇمكىن» دېدى.

بۈگۈنكى دۇنيادا، كۆپ تەرەپچىللىك يەككە تەرەپچىللىكنىڭ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش نۆل يىغىندىلىق تىركىشىشنىڭ ئورنىنى ئېلىشى توسۇۋالغىلى بولمايدىغان تارىخىي زور يۈزلىنىش. ئامېرىكا تەرەپتىكى بىر قىسىم كىشىلەر كونا تەپەككۇر بىلەن زور يۈزلىنىشكە قارشىلىق كۆرسىتىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، بەلكى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق بەخت - سائادىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى.

(2019 - يىلى 8- ئاينىڭ 28- كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش