تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

[شىنجاڭ ياخشى جاي] «جەلپكار قەشقەر قەدىمىي شەھىرى»

     شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خەن چىنيەن): 8-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 10:00دا، قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىنىڭ دەرۋازىسى تېخى ئېچىلمىغان بولۇپ، لېكىن ساياھەتچىلەر قەدىمىي شەھەر سىرتىدا مۇزىكىغا ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتتى.

  كۆز ئالدىدىكى بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرگەن يۈننەنلىك ساياھەتچى ليۇ روڭروڭ ھاياجانلانغان ھالدا: «قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە نىسبەتەن مەندە بىر خىل تونۇش تۇيغۇ بار، بۇ يەردىكى ھەممە نەرسە شۇنچە جەلپ قىلارلىق» دېدى.

  10:30 ئۆتكەندە، كاناي چىلىنىپ، «دوستۇم نەدىن كەلدىڭىز» دېگەن جاراڭلىق ھال سوراش سۆزىگە ئەگىشىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى، شۇ چاغدا، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى ساياھەتچىلەر ئارتىسلار بىلەن بىرگە ئۇسسۇل ئويناپ، بىرگە سۈرەتكە چۈشتى...

  «قەدىمىي شەھەرنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولۇۋاتىمەن.» ئارتىسلار بىلەن پائالىيەت قىلغان جىلىنلىك ساياھەتچى گې جۈنشيا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئەگەر ۋاقىتىم بولسا مەن يەنە قەشقەرگە ساياھەت قىلغىلى كېلىمەن، مەن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى سۆيىمەن».

  قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىرلىق ئوردا شەكىللىك كوچا بار؛ قاشتېشى بازىرى، باش كېيىم بازىرى، ئاسار ئەتىقە بازىرى قاتارلىقلار بار؛ نەچچە يۈز يىللىق چايخانا بار؛ نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر ۋارىسلىق قىلغان قول-ھۈنەر چالغۇ دۇكىنى؛ مىس بۇيۇمى دۇكىنى بار؛ ھازىرقى زامان پۇرىقىغا ئىگە كاۋاپخانا، غەربچە تاماقخانا، پەردازخانا ۋە ساتىراشخانا بار. ئەنئەنە بىلەن مودا بۇ يەرگە مۇجەسسەملىشىپ، قەدىمىيلىك بىلەن ھازىرقى زامان بۇ يەردە تەڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرماقتا.

  ئۇزاق تارىخ ئۆتمۈشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، دەۋر بىلەن جىپسىلاشقاندىلا كەلگۈسىگە يۈزلىنەلەيدۇ. قەدىمىي شەھەردە خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان ئاھالىلەر، ساياھەتچىلەر بىلەن ئىناق ئۆتىدۇ ھەمدە ساياھەتچىلەرگە تۇرمۇش، سودا قىلىشنىڭ ھەقىقىي مەنزىرىسىنى نامايان قىلىدۇ.

  «بۇ يەردىكى ئاھالىلىكلەر ئىنتايىن قىزغىن، مەيلى يول سوراڭ ياكى نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىڭ، پۇتۇڭخۇانى بەك ياخشى سۆزلىيەلمىسىمۇ، ئۇلا سىزگە ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ» دېدى چۇڭچىڭلىك ساياھەتچى خوۋ شىڭليەن.

  «قەشقەردەك ئاۋات جاينىڭ بۇنداق جىمجىت يەرلىرى بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن، بۇ يەردە بىر چۈشتىن كېيىن جىمجىت ئولتۇرۇپ، ئىنتايىن راھەتلەندىم» دېدى قەشقەر چايخانىسى ئالدىدا ئولتۇرغان ياپونىيەلىك ساياھەتچى سۇڭشيا جىخوڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.

  بۇ يىل 1-ئايدىن 7-ئايغىچە، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 4 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60 ئاشقان.

  «قەشقەرگە بارمىسا، شىنجاڭغا كەلگەن ھېسابلانمايدۇ؛ كېچىلىك مەنزىرىدىن ھۇزۇرلانماسلىق، پۈتۈنلەي يېپيېڭى قەشقەرنى كۆرگەنلىك ھېسابلانمايدۇ.» يېنىك دۇمباق ئاۋازى ياڭراپ، كۈندۈزدىكى «ئۆرپ-ئادەت» چىراغ نۇرى ئاستىدا چاقناپ تۇراتتى، كېچىدىكى قەشقەر ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى بىلەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 米克古丽·纳赛尔

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش