تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

شىنجاڭ: ساياھەت قىزغىنلىقى پۇقرالارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى

  شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا، بىر يىگىت دۇكىنى ئالدىغا دوپپىلارنى تىزىپ خېرىدارلارنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە (8-ئاينىڭ 18-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). ۋاڭ فېي فوتوسى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئالتۇن مەزگىلى يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ھەر قايسى جايلاردىكى تېخىمۇ كۆپ دېھقان-چارۋىچى «ساياھەت تامىقى»غا تايىنىپ بېيىش يولىغا قاراپ ماڭدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭ ساياھەت، ياتاق، يېمەك-ئىچمەك، ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرى ئېچىش، يېزا-كەنت ساياھىتى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، 32 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشغا تۈرتكە بولۇپ، يىللىق نىشان ۋەزىپىسىنىڭ % 80ىنى تاماملىدى.

  ساياھەتچىلەر شىنجاڭ غۇلجا شەھىرىدىكى ئىلى دەرياسى مەنزىرە رايونىدا سەيلە قىلماقتا (8-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). خۇ خۇخۇ فوتوسى

  شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدىكى شۇ جايدىكى ئاھالە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان ساراي كارىدورىدا، ئىككى كىچىك بالا كۆڭۈللۈك ئوينىماقتا (8-ئاينىڭ 17-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). ۋاڭ فېي فوتوسى

   تۇرپان شەھىرى چاڭشا .  ئۈزۈم باغچىسى كەچلىك بازىرىدا، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر مىللىيچە ئۇسسۇل ئوينىماقتا (7-ئاينىڭ 19-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). دىڭ لېي فوتوسى

  شىنجاڭ تېكەس ناھىيەسى قارادالا بازىرى چوڭقۇشتاي كەنتىدىكى «چارۋىچىلار ئارامگاھى» (8-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۇچقۇچىسز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان). خۇ خۇخۇ فوتوسى

  ساياھەتچىلەر تىيانشان چوڭ جىلغىسىدىكى بىر «چارۋىچىلار ئارامگاھى»دىن نەرسە-كېرەك سېتىۋالماقتا (8-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). ۋاڭ فېي فوتوسى

  شىنجاڭ مايتاغ-كۇچا تاشيولى ياقىسىدا سۈرەتكە تارتىلغان «چارۋىچىلار ئارامگاھى» (8-ئاينىڭ 17-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). خۇ خۇخۇ فوتوسى

  شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا، بىر موماي دۇكىنى ئالدىدىكى ماللارنى رەتلەپ ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە (8-ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). ۋاڭ فېي فوتوسى

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى ئارىيا يولىدىكى «گۈلىنىڭ ئۆيى» ئۆزگىچە ھويلىسىدا، يەرلىك ئاھالىلەر ساز چېلىپ ساياھەتچىلەرنى كۈتمەكتە(7-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). خاۋ گې فوتوسى

  ساياھەتچىلەر تىيانشان چوڭ جىلغىسىدا ئات مىنمەكتە (8-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). ۋاڭ فېي فوتوسى

  تۇرپان شەھىرى چاڭشا . ئۈزۈم باغچىسى كەچلىك بازىرىدا، ساياھەتچىلەر مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگمەكتە (7-ئاينىڭ 18-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). دىڭ لېي فوتوسى

  شىنجاڭ تېكەس ناھىيەسى قارادالا بازىرى چوڭقۇشتاي كەنتىدە سۈرەتكە تارتىلغان «چارۋىچىلار ئارامگاھى» (8-ئاينىڭ 13-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). خۇ خۇخۇ فوتوسى

  قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى ئارىيا يولىدىكى «گۈلىنىڭ ئۆيى» ئۆزگىچە ھويلىسىدا، يەرلىك ئاھالىلەر مىللىيچە ئۇسسۇل ئوينىماقتا (7-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). خاۋ گې فوتوسى

  شىنجاڭ قورغاس ساياھەت يىغىش-تارقىتىش مەركىزىدە، خىزمەتچى خادىملار تىك ئۇچار بىلەن سەيلە قىلىدىغان ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئۇچۇش تەييارلىقى قىلماقتا (8-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان سۈرەت) خۇ خۇخۇ فوتوسى

  شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر بىلەن يەرلىك ئامما مىللىيچە ئۇسسۇل ئوينىماقتا (8-ئاينىڭ 13-كۈنى تارتىلغان سۈرەت) ۋاڭ فېي فوتوسى

  قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا، يەرلىك ئاھالە ئۆزىنىڭ يول ياقىسىدىكى كىچىك ئۆيىدە قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ساتماقتا (6-ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). جاۋ گې فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى