تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

يۈرۈڭ دوستۇم، ئۈرۈمچىنىڭ كېچىسىنى تاماشا قىلايلى

مەيىن شامال كۈندۈزنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرى ۋە جىددىيچىلىكىنى ئېلىپ كەتتى
نەپىس ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى كېچە چىراغلىرىدا كىشىنى مەھلىيا قىلدى
جەلپكار تۈن ئاسمىنىدا يۇلتۇزلار چاقنىدى

ئۈرۈمچىدە چىراغلار چاقنىدى
قارامايدا مۇزىكىلىق فونتاندا سۇ ئېتىلىپ چىقتى
ئىلى دەرياسى كۆۋرۈكى رەڭدار چىراغ نۇرىدا جۇلالاندى
قەشقەر كونا شەھەر رايونى ئىختىيارسىز ئۆتكەننى ئەسلەتتى
...

شىنجاڭدا
ھەر بىر يەرنىڭ كېچىسىنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسى بار
بۈگۈندىن باشلاپ، بىز سىزنى
شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ ئۆزگىچە كېچىلىك مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىشقا باشلاپ بارىمىز

بىرىنچى بېكەت
ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى
ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە بىر جاي
كۈندۈزى بۇ جاي ئاۋات، قاينام-تاشقىن، قىزغىن، جانلىق
تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، ئۇ يەنە باشقىچە تۈسكە كىرىدۇ
چىراغ نۇرلىرى چاقناپ، گۈزەل كېچە مەنزىرىسى نامايان بولىدۇ، يېمەك-ئىچمەكلىرى كىشىنى جەلپ قىلىدۇ
كېچە مەنزىرىسى، كەچلىك بازار، كېچىلىك كۆڭۈل ئېچىش
ئۈرۈمچىنىڭ رەڭگارەڭ كېچىلىك تۇرمۇشىنى شەكىللەندۈرگەن

شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىدا يېمەك-ئىچمەك، تاماشا، سودىنىڭ ھەممىسى بار

شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىدا
قاينام-تاشقىنلىق كۈندۈزدىن كەچكىچە داۋاملىشىدۇ
نازۇنېمەتلەر كوچىسى كىشىنى تېخىمۇ مەپتۇن قىلىدۇ
ئۆرپ-ئادەت، يېمەك-ئىچمەك، ناخشا-ئۇسسۇل، كۆڭۈل ئېچىش
ئىستىراھەت، مال سېتىۋېلىش، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى، مەدەنىيەت ساياھىتى قاتارلىق
كۆپ خىل ئىقتىدار بىر گەۋدە قىلىنغان ساياھەت يادرولۇق رايونىدا
ئۆزگىچە ئىمارەتلەر
شىنجاڭنىڭ كۆپ خىل خاس مەھسۇلاتلىرى بار بولۇپ
بۇ جاي بارمىسا زادى بولمايدىغان جايلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ

بۇ جايدا يېڭى مېۋە-چىۋىلەردىن قېتىق-دوغاپقىچە
ئۆپكە-ھېسىپتىن توخۇ-قوي پاچىقىغىچە
قوقاستا پىشۇرۇلغان تۇخۇمدىن تونۇر كاۋىپىغىچە
...
خاس نازۇنېمەتلەر
تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئېغىزىغا سېرىق سۇ كەلتۈرمەي قالمايدۇ

پىيادىلەر كوچىسى
غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىجادىيىتى، ئىستىراھەت
مەدەنىيەت ساياھىتى ۋە نازۇنېمەتتىن ئىبارەت ئۈچ مەدەنىيەت كوچا رايونىنى ئاساسىي لىنىيە
ناۋايخانا، جەنۇبىي-شىمالىي شىنجاڭنىڭ مېۋە-چىۋىلىرى بازىرى
پىيادىلەر كوچىسى سەھنىسىنى يارقىن نۇقتا قىلغان بولۇپ
ھەر ئايدىكى بىر يېڭى تېما، ھەر ھەپتىدىكى بىر پائالىيەت
ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھىتىنى مول مەزمۇنلۇق قىلىدۇ
نازۇنېمەتلەر بايرىمى، خوگو بايرىمى، ناخشا-ئۇسسۇل قاتارلىق
تۈرلۈك باش تېما پائالىيەتلىرى ۋە ساياھەت كۆرگەزمىلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ

ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ

بۇ جاي بىر كۈندە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى ئەڭ كۆپ بولغاندا 300 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىدۇ
ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركۈملەپ كېلىشى
بۇ جاينى شىنجاڭ ساياھىتىدىكى «ئالتۇن ئىسىم كارتىسى» دېگەن گۈزەل نامغا ئېرىشتۈردى

نەنخۇ شەھەر ئاھالىلىرى مەيدانى ــــ بۇ جاينىڭ مەيدان ئۇسسۇلى ئۆزگىچىلىككە ئىگە

قەيەردە مەيدان بولسا
شۇ يەردە مەيدان ئۇسسۇلى بار
ئۈرۈمچىدە
مەيدان ئۇسسۇلى خاسلىققا ئىگە
شوخ ئۇسسۇل مۇزىكىسى باشلانغان ھامان
يولدا كېتىۋاتقانلارمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قالىدۇ

كەچقۇرۇن
ئۈرۈمچى نەنخۇ شەھەر ئاھالىلىرى مەيدانى قىزىپ كېتىدۇ
تانسا، زامانىۋى ئۇسسۇل، مىللىيچە ئۇسسۇل
...
ئون نەچچە گۇرۇپپا ئۆز ئالدىغا ئۇسسۇل ئوينايدۇ
بۇ خۇددى ئۇسسۇل يىغىلىشى ئۆتكۈزگەنگە ئوخشايدۇ
سەپ ناھايىتى چوڭ بولۇپ
كوللېكتىپ ئۇسسۇل يەنىلا ئەڭ قىزىيدۇ
بۇ يەردە باش رولچى يوق
چوڭلار، بالىلار، ئاياللار، ياشلار بار
ھەممە غۇلاچلىرىنى كەڭ ئاچىدۇ، ھەممىنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنىدۇ
ھەممە مۇزىكىغا جور بولۇپ مۈرە-بويۇنلىرىنى ئاتىدۇ
تانسا مۇزىكىسى لەرزان، ئۇسسۇل قەدىمى ئاستا بولىدۇ
زامانىۋى ئۇسسۇل ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىقنى نامايان قىلىدۇ، كۆرۈنۈشمۇ ناھايىتى قىزغىن بولىدۇ
بۇ يەردە، ھامان بىر خىل مۇزىكا
سىزنى ئىختىيارسىز ئۆزىڭىزنى قويۇۋېتىپ ئۇسسۇل ئويناشقا جەلپ قىلىدۇ

خۇڭسەن باغچىسى ــــ كېچە مەنزىرىسىنىڭ يېڭى نامايەندىسى
ئۈرۈمچىنىڭ چىراغ نۇرلىرى چاقناپ تۇرغان كېچە مەنزىرىسىنىڭ يېڭى نامايەندىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن
خۇڭسەن باغچىسى ھەر كۈنى كەچ
نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلىدۇ
شىداچياۋدا تۇرۇپ رەڭدار خۇڭسەننى سۈرەتكە تارتسىڭىز
ئون مىڭغا يېقىن چىراغ ياندۇرۇلغان تاغنىڭ تولىمۇ گۈزەل تۈسكە  كىرگەنلىكىنى
تاغ ئېتىكىدىكى يول چىراغلىرىنىڭ يولدا كېتىۋاتقان ئاپتوموبىل چىراغلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، بىر ئالتۇن رەڭ دەريا ھاسىل قىلغانلىقىنى ھېس قىلىسىز

باغچىدىكى كېچە مەنزىرىسى سۇپىسىدا تۇرۇپ شەھەرگە نەزەر سالسىڭىز
قارىغانلا يېرىڭىزنىڭ چىراغ نۇرلىرى بىلەن چاقناپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز
قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئېگىز بىنالاردىكى چىراغ كۆرگەزمىسى
كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ

پەلەك چاقىغا ئولتۇرۇپ كېچە مەنزىرىسىنى تاماشا قىلسىڭىز
ئۇنىڭ ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ
باغچە ئىچىدىكى ئوخشاش بولمىغان رەڭلىك چىراغ نۇرلىرى
سىزگە رەڭدارلىقنى ھېس قىلدۇرسا
چىراغلارنىڭ كۆپ بۇلۇڭلارنى يورۇتۇشى ئېلىپ كەلگەن ھەرىكەت ئۈنۈمى سىزنى ئاجايىپ بىر دۇنياغا كېلىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ

پەلەك چاقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا كۆتۈرۈلگەندە
پۈتۈن باغچىنىڭ يورۇتۇلغان كېچىلىك مەنزىرىسى بىلەن
شەھەرنىڭ چاقناپ تۇرغان چىراغ نۇرلىرى بىرىكىپ
گۈزەل سېزىم ھېس قىلدۇرىدۇ

ئۈرۈمچىنىڭ كېچىسى يورۇق
رەڭدار
بۇ ۋاقىتتا
سىز كۆۋرۈكتە مەنزىرە تاماشا قىلسىڭىز
مەنزىرە تاماشا قىلىۋاتقان ئادەملەر بىنادا سىزگە قارايدۇ

شياۋلۈگۇ ئېكولوگىيە باغچىسى ــــ كۆڭۈل ئېچىش، سەيلە قىلىش، سالقىنداش
چىراغلار يېقىلغاندا
كۈندۈزنىڭ ئىسسىقى يېنىپ، كەچنىڭ مەيىن شامىلى يۈزلەرنى سىيپاشقا باشلايدۇ
بەزىلەر كېچىنىڭ شاۋقۇن-سۈرىنىنى ياخشى كۆرسە، بەزىلەر كېچىنىڭ جىمجىتلىقىنى ياخشى كۆرىدۇ
سۇ شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان، ياپيېشىل دەرەخلەر سايە تاشلىغان، تىنچ
شياۋلۈگۇ ئېكولوگىيە باغچىسى سالقىنداشتىكى ناھايىتى ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ

تار، ئۇزۇن كەلگەن شياۋلۈگۇنىڭ
سۇ سىستېمىسى ئۆزگىچە مەنزىرە ھېسابلىنىدۇ
بۇ يەردە بەش سۇ مەنزىرىسى بار
سۇ سىستېمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2000 مېتىردەك كېلىدۇ
سۇ كۆپ، دەرەخ كۆپ بولغانلىقتىن
بۇ يەرنىڭ تېمپېراتۇرىسى شەھەر رايونىدىن تۆۋەن بولىدۇ

كەچلىك تاماقتىن كېيىن
ئۆيدىكىلەر بىلەن
بۇ يەرگە سەيلە قىلغاچ سالقىندىغىلى كەلسىڭىز، گۈزەل مەنزىرە، ئائىلىۋى بەختنىڭ ھۇزۇرىغا چۆمىسىز

شياۋلۈگۇ سۇ مەنزىرىلىرى، يېشىللىق
سەيلە يولى، مەنزىرە كارىدورى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ئېكولوگىيە باغچىسى
گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان، ئوت-چۆپلەر قاپلىغان شېغىل تاشلىق يولدا
قەدىمكى ئۇسلۇبتىكى ياغاچ ئاسما يولدا سەيلە قىلغىنىڭىزدا
گۈللەرنىڭ خۇش ھىدى دىمىقىڭىزغا ئۇرۇلىدۇ
قويۇق سەھرا تۈسىدىكى گۈزەل مەنزىرە كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ

«1-ماي» شىڭگۇاڭ كەچلىك بازىرى ــــ سىزنىڭ كېچىدىكى تەم سەزگۈلىرىڭىزگە «ئوت ياقىدۇ»

پاھ، پاھ، پاھ! 
مۇزدەك پىۋا، ئوخشىغان كاۋاپ
ئۈرۈمچىنىڭ كېچىسىدە نازۇنېمەتلەر قانداقمۇ كەم بولسۇن
بۇ يەردىكى كەچلىك بازارلاردىكى نازۇنېمەتلەر سىزنىڭ تەم سەزگۈلىرىڭىزگە «ئوت ياقىدۇ»
قىستىشىپ تۇرغان كىشىلەر
خېرىدار چاقىرغان ئاۋازلار
تائاملارنىڭ ھىدى
...
كەچلىك بازارنى ئايلىنىش
بىر كۈندىكى ئەڭ خۇشال ۋاقىت بولسا كېرەك
ئۈرۈمچىگە تۇنجى قېتىم كەلگەن كىشى ئۈچۈن ئېيتقاندا
كەچلىك بازارغا بارمىغانلىق
ئۈرۈمچىنىڭ كېچىلىك تۇرمۇشىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلمىغانلىقتۇر

مەملىكەت بويىچە داڭلىق «1-ماي» شىڭگۇاڭ كەچلىك بازىرى
بۇ يىل تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەندىن كېيىن تىجارەت باشلاپ
شەھەر ئاھالىلىرى ئارام ئالىدىغان دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن «كېچىلىك ئاشخانا»
ۋە سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر چوقۇم كېلىدىغان جايلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى
بۇ جاي شىنجاڭنىڭ خاس نازۇنېمەتلىرى ۋە ھەرقايسى جاينىڭ نازۇنېمەتلىرىنى ئۆزىگە جەم قىلغان
مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ۋە ئىستىراھەت كۆڭۈل ئېچىش
بىر گەۋدە قىلىنغان يېمەك-ئىچمەك ئاساسىي تېمىسىدىكى كەچلىك بازار

چاقناپ تۇرغان چىراغ نۇرلىرى چولپان يۇلتۇزغا ئوخشايدۇ
بۇ كەچلىك بازارغا كىرگەن ھەر بىر كىشىگە
بۇ يەرنىڭ كەيپىياتى تەسىر قىلماي قالمايدۇ

كاۋاپ، راڭپىزا، پىنتاڭ، جياۋماجى
...
شىنجاڭنىڭ خاس نازۇنېمەتلىرى تەرتىپ بويىچە مەيدانغا چىقىدۇ
لاميەن، تاڭيۈەن، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، سۇبىڭ، داۋشاۋميەن
...
ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ نازۇنېمەتلىرىمۇ بۇ يەردە جەم بولىدۇ


ئاشخانا، مەيخانا ــــ كەيپىيات بار، ئۇسلۇبمۇ يار
شەھەر كوچىلىرىغا تارقالغان مەيخانىلار
جەلپكار ھەم جۇشقۇن
بەزىلەر بۇ يەردە دېرىزە يېنىدىكى ئورۇننى تاللاپ، قولىدا بىر رومكا قىزىل ھاراقنى تۇتۇپ
كېچىنىڭ مەيىن شامىلىغا ئېسىل ھاراقنىڭ خۇش ھىدىنى قوشۇپ، ئۆتكەن ئىشلارغا بىر رومكا تۇتىدۇ
باغچە شىمالىي كوچىسىغا جايلاشقان مەيخانا كوچىسى
نەنخۇ شەرقىي يولىدىكى ۋۇجيې يوۋخو مەيدانى
...
بۇ جايلار مەيخانىلار توپلانقان جاي
كەيپىياتى ئوخشىمىغان كىشىلەر
بۇ يەردە ئۆزىنى قويۇۋېتىدۇ
بۇ داڭلىق جايلاردىن باشقا
كېتىۋاتقان خالىغان يېرىڭىزدىمۇ
 كېچىلىك ساياھەتنىڭ ئوبدان يەرلىرىنى تاپالايسىز

يول بويىدىكى كىچىك ئاشخانىدا
لەڭمەن يېيەلەيسىز
كىچىك باغچە يېنىدا
بوۋايلارنىڭ شاھمات ماھارىتىدىن ھۇزۇرلىنايسىز
ئولتۇراق رايوندىكى يېشىللىقتا
سالقىنداپ پاراڭلىشىپ تۇرغان بىر ئائىلىلىكنىڭ خۇشال ئاۋازىنى ئاڭلىيالايسىز
دەرەخلەر سايە تاشلىغان يولدا
قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئاشىق-مەشۇقلارنى كۆرەلەيسىز
پىيادىلەر يولىدا
كېچىدە يۈگۈرگۈچىلەر يېنىڭىزدىن سۈركىلىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ

بىر شەھەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن
چوقۇم ئۇنىڭ كېچىسىنى كۆرۈش كېرەك
مانا بۇ ئۈرۈمچىنىڭ كېچىسى
كەچ بولغانسېرى شۇنچە گۈزەل
ھەممە يەر گۈزەل مەنزىرە، ھەممە يەر قايناق مۇھەببەت!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى