تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ھېسسىيات يۇغۇرۇلغان مول مەزمۇنلۇق يازلىق لاگېر تەتىل تۇرمۇشى

ھېسسىيات يۇغۇرۇلغان يازلىق لاگېر پائالىيىتىگە قاتناشقان بالىلار شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سارىيىدا ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ئوۋ ياڭيۈن خەۋىرى، فوتوسى) يېقىندا، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسى تاغارچى يېزىسى، خانئېرىق بازىرىدىكى 30 نەپەر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى پويىزغا ئولتۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىگە كېلىپ، جۇڭگو سودا - سانائەت بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى ئۆتكۈزگەن «يېزا بالىلىرىنىڭ دۇنياغا نەزەر سېلىشى» ھەم «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» تېمىسىدىكى ھېسسىيات يۇغۇرۇلغان يازلىق لاگېر پائالىيىتىگە قاتناشتى.

سودا - سانائەت بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى بۇ قېتىملىق يازلىق لاگېر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا كەنتتىكى ئىلغار ياش-ئۆسمۈرلەرگە بىر قېتىملىق مول مەزمۇنلۇق تەتىل تۇرمۇشى پائالىيىتى تەشكىللەپ بېرىشنى ھەمدە بىر يۈرۈش قايتا تەربىيە پائالىيىتى ئارقىلىق، بالىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى قوزغىتىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئالاقىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى