تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

نارات مەنزىرە رايونىنىڭ كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارى ئۆستى

  شىنجاڭ گېزىتى، كۈنەس، 8-ئاينىڭ 26-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرىمىز تاڭ كەندۇڭ): 8-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىبۇ زۇنماۋ نارات ئىستىراھەت مېھمانخانىسى رەسمىي تىجارەت باشلاپ، نارات مەنزىرە رايونىنىڭ كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى كۆتۈردى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نارات مەنزىرە رايونى ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ ۋە ئۆزگەرتىپ، يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھېس قىلىش دەرىجىسى ۋە رازىمەنلىك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ساياھەت كەسپىدە مۇقىم، تېز تەرەققىي قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى.

  بۇ يىل شىنجاڭ غەربىي رايون ساياھەت پاي چەكلىك شىركىتى مەنزىرە رايونىدىكى يايلاق قەبىلىسى ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى «ئۇيسۇن كاتتا مەرىكىسى»نىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، سەھنە كۆرۈنۈشىگە گۈلخان كېچىلىكىنى كىرىشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. 2010-يىلىدىن بۇيان، غەربىي رايون ساياھەت شىركىتى بىر قاتار مەدەنىيەت ساياھەت تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، نارات مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەزمۇنى بىرلا خىل بولۇش، ساياھەتچىلەرنىڭ ھېس قىلىش دەرىجىسى كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئاكتىپ رول ئوينىدى.

  دېرىزىنى ئېچىپلا ئەتراپنى قورشاپ تۇرغان ياپيېشىل تاغلارنى، سۇلىرى شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان كۈنەس دەرياسىنى كۆرگىلى بولىدۇ... نارات مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ شەرق تەرىپىگە 300 مېتىر كېلىدىغان شىبۇ زۇنماۋ نارات ئىستىراھەت مېھمانخانىسىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 28 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، جەمئىي 309 ئېغىز ئۆي بار، غەربچە تاماقخانا، ئۆي سىرتى يايما كاۋاپ قىلىش ئورنى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق. مېھمانساراي، يېمەك-ئىچمەك، ياتاق، ساياھەت، سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىشنى بىر گەۋدە قىلغان بولۇپ، نارات يۇقىرى دەرىجىلىك دەم ئېلىش مۇلازىمىتىنى يېتەكلەيدىغان يېڭى يۆنىلىش بەلگىسىگە ئايلاندى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 913 مىڭ 900 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.9 ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى